ئەنۋەر ئەخمەت: خىتاي خەلقئارا بېسىمىدىن قېچىپ ئارافات ئادىلنى تۇتقۇن قىلمىدى

گۈزەلئاي خانىم ئەھۋالنى ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى مەسئۇلى ئەنۋەر ئەخمەتكە مەلۇم قىلغان.

ئارافات ئادىل ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن گېرمانىيەدە ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى تۈركىيەدىكى ئانىسى گۈزەلئاي ئادىلغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئانىسى ئالدى بىلەن ئەھۋالنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى مەسئۇلى ئەنۋەر ئەخمەتكە مەلۇم قىلغان.

ئەنۋەر ئالدى بىلەن ئارافاتنىڭ ئادۋوكاتىنى ئىزدىگەن، ئادۋوكات تېلېفوننى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئارافاتنىڭ ئۆزى ۋە يېنىدىكى ساقچى بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ ساقچىدىن ئارافاتنىڭ سوتتىن كەلگەن خەتلەرگە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇلۇش قارارى چىققانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئارافاتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆلەمدە ھەرىكەت قوزغاشقا تىرىشقان.

ئەمما ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىدىن بۇ ھەقتە بىر جاۋاب ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن، ئارافات خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئەنۋەر ئەھمەد ئىككىنچى تاللاش يولى سۈپىتىدە تۈركىيە تەرەپنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى تاللىغان. ئۇ گۈزەلئاي خانىم بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەھۋالنى گېرمانىيەدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئارافات ئادىلنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلەلىشىنى تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىسا، خىتاينىڭ ئارافات ئادىلنى تۇتقۇن قىلماسلىقىنى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردىن قورقۇشنىڭ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىغا قارشى تەنقىد ئۆرلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە، يەنە بىر رەت خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.