ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيۇل)

گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇخە ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەخمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىيا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

گېرمانىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىلغا تۈركىيە ئىگە چىقتى

تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىۋېتىلگەن ئارافات ئادىل بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بىرنەچچە سائەت سۆراق قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان. بۈگۈن 23-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئىستانبۇلدىكى ئۆيىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن ئارافات ئادىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە ۋە بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيۇل) (RFA Video)

ئارافاتنىڭ ئانىسى گۈزەلئاي ئادىل ئوغلىنىڭ بۇ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە ئارافات ئادىل ۋە ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

گېرمانىيە ساقچىسى: ئارافاتنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى كَارلسرۇخە ھۆكۈمىتى چىقاردى

ئارافات ئادىلنىڭ گېرمانىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىش ۋە ئىجرا قىلىنىش جەريانى ھەققىدە گېرمانىيەنىڭ سوت، تەپتىش، ساقچى ئورگانلىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى بۇ دېلو ھەققىدە يەرلىك، يەنى شتات دەرىجىلىك ئورگانلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى پاناھلانغۇچىنىڭ قانداق ئەھوال ئاستىدا دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئەگەر پاناھلانغۇچى سوتقا قاتناشمىسا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىسە، ئۇ كىشىنىڭ پاناھلىقتىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىپ دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئەمما ئارافات ئادىل دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئارافات ئادىل تۇرغان بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ (Baden-Württemberg) شتاتلىق ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىمىزدە، 21-ئىيۇل كۈنى ئىجرا قىلىنغان چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەت (Karlsruhe Regional Council) چىقارغانلىقىنى ۋە شۇ بۇيرۇقىغا ئاساسەن لۆرراخ (Lörrach) ساقچىخانىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەت بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ شتاتىغا تەۋە بولۇپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

ئارافاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى پەقەت ئايرودۇرۇمغا چىققاندىلا ئۇقتۇرۇلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتقا قاتناشمىغانلىقى بۇ قايتۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئارافات ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوت ياكى قايتۇرۇلۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەزكۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتتە 2015-يىلى ياۋروپادا كۆچمەنلەر كرىزىسى يۈز بەرگەندە مەخسۇس كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورگاننىڭ كۆچمەنلەرنى قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، قوللىرىدىكى سەپەر رۇخسەتنامىسىنى يىغىۋېلىش، مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ تەييارلىقى ۋە ئىجراسىنى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بار ئىكەن. ئەمما بۇ قارار دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى، سوت بۇيرۇقى، ياۋروپا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارانىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ئىكەن.

كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئارافاتنى قايتۇرۇش قارارىنىڭ ئەنە شۇ ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى، يەنى كۆچمەنلەرگە قارىتا سەزگۈرلۈكتىن ئېلىنغانلىقى ياكى بىر ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: «سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى، يەنى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش گېرمانىيە ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دەپ تەكىتلەيدۇ ۋە تەشكىلات سۈپىتىدە بۇ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەنۋەر ئەخمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى

ئارافات ئادىل ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن گېرمانىيەدە ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى تۈركىيەدىكى ئانىسى گۈزەلئاي ئادىلغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئانىسى ئالدى بىلەن ئەھۋالنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى مەسئۇلى ئەنۋەر ئەخمەتكە مەلۇم قىلغان.

ئەنۋەر ئالدى بىلەن ئارافاتنىڭ ئادۋوكاتىنى ئىزدىگەن، ئادۋوكات تېلېفوننى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئارافاتنىڭ ئۆزى ۋە يېنىدىكى ساقچى بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ ساقچىدىن ئارافاتنىڭ سوتتىن كەلگەن خەتلەرگە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇلۇش قارارى چىققانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئارافاتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆلەمدە ھەرىكەت قوزغاشقا تىرىشقان.

ئەمما ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىدىن بۇ ھەقتە بىر جاۋاب ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن، ئارافات خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئەنۋەر ئەھمەد ئىككىنچى تاللاش يولى سۈپىتىدە تۈركىيە تەرەپنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى تاللىغان. ئۇ گۈزەلئاي خانىم بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەھۋالنى گېرمانىيەدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئارافات ئادىلنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلەلىشىنى تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىسا، خىتاينىڭ ئارافات ئادىلنى تۇتقۇن قىلماسلىقىنى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردىن قورقۇشنىڭ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىغا قارشى تەنقىد ئۆرلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە، يەنە بىر رەت خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.

زورۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانى ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ياش يازغۇچى، تەرجىمان ۋە پائالىيەتچى مۇنەۋۋەر ئابدۇللا ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەدەبىي ژۇرنال «Georgia Review»دا ئاتاقلىق يازغۇچى زورۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالە ۋە روماندىن بىر پارچە تەرجىمە ئېلان قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئابدۇللا ماقالىسىدا زورۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى ۋە بۇنىڭغا باغلانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم باسقۇچلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. «Georgia Review» ژۇرنىلى جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 1947-يىلىدىن بۇيان نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ئەسەرلەرگە سۈپەت تەلىپى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ۋە ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق نۇپۇزلۇق ئەدەبىي ۋە تەقرىز ژۇرنىلىدۇر.

ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇنەۋۋەر ئابدۇللا «تارىم تورى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يېزىۋاتقان ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى، تەرجىمىلىرى كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياخشى بىر يازغۇچى ۋە ئاكتىپتۇر.

ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

2012-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشىنىڭ 18-نۆۋەتلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈركىيە، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، كانادادىن بولۇپ كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئۆلىمالار قاتناشتى.

يىغىندا سۆز قىلغان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش زۆرۈرىيىتىنى ئىزاهلاپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن خاتىرىلەۋاتقىنىمىز تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىلگىرىلەش جەريانىلا ئەمەس، مۇھىمى، زۇلۇمغا قارىشى يېقىلغان بىر مەشئەلنى كۆتۈرۈپ مېڭىشنىڭ، قىرغىنچىلىققا قارىشى بىر تىنماستىن كۈرەش قىلىشنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز.»

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلاردىن زەيتىنبۇرنۇ رايون باشلىقىمۇ يىغىن ئۆتكۈزگۈچى ئاممىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنياغا تونۇلىشىدا تېگىشلىك رول ئوينىغانلىقىنى، بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى مېۋە بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېلىپ بارغان ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلىگەن.

دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى

يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇر ئىشخانىسى توردا ”قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنغان“ بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلدى.

ۋاڭيى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ تور ئۇچۇر ئىشخانىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ۋە «تور ئۇچۇر مەزمۇن مۇھىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن، بىر قىسىم خۇسۇسىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىنى تاقىغان. ئۇقتۇرۇشتا ئاشكارىلانغان بەش تىپىك دېلو ئىچىدىكى ئىككى دىلو چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

«F***» ئىسىملىك بىر ھېساب ”مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى“ ئۈچۈن تاقالغان.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلىدىن بۇيان تۈرلۈك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە سىياسىي تەرغىباتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللارنى خىتاي ئەرلەرگە تېگىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، تونۇلغان پائالىيەتچى، دوكتۇر دىلنۇر رەيھان رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: ”خىتاي بىر مۇستەملىكە كۈچ سۈپىتىدە، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلارنى ئەلۋەتتە قاتتىق باستۇرىدۇ ۋە جازالايدۇ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇن (مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى) بويىچە بۇ خىل باستۇرۇشلار قانۇنىي ئاساسقا ئېرىشىدۇ ۋە تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. "

ئۇزۇندىن بۇيان ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن دىلنۇر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: ”مۇستەملىكە قىلىنغان ئاياللارنى باسقۇنچى (مۇستەملىكە قىلغۇچى) ئەرلەر بىلەن توي قىلىشقا زورلاش – ئاياللارغا قارىتىلغان مۇستەملكىچى ئېزىشنىڭ تىپىك مىسالى. بۇنىڭدىن مەقسەت – بىر ئارىلاشما مىللەت پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقئارادىكى تېخنىكا كۈچى سەۋەپلىك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باسقۇنچى تويغا زورلىنىشى تارىختىكى ھەرقانداق ئوخشاش تىپتىكى ئەھۋالدىن ھەم ئېغىر ھەم خەتەرلىك.“

يەنە بىر دېلودا، ”晞***“ ئىسىملىك يەنە بىر ھېساب ”ئۆسمۈرلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەيدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن“ تاقالغان. بۇ جازالاشمۇ ئوخشاشلا تەنقىدكە ئۇچرىدى. ”ئۇيغۇر پوچتىسى“نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھېساب ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقى ياكى دائىرىلەر «ئۆسمۈرلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدى» دەپ كۆرسەتكەن كونكرېت مەزمۇنلارنىڭ تەمىنلەنمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى (CECC) پىرېزىدېنت دۆنالد ترامپقا خەت يېزىپ، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلغان ياكى خىتايدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشنى مەنئى قىلىدىغان بۇيرۇق چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى، سېناتور دان سۇللىۋان (Dan Sullivan) ۋە ھەمكار رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت (Christopher Smith) باشچىلىقىدا يېزىلغان بۇ خەتكە يەنە كومىتېت ئەزالىرىدىن دەيل ستروڭ (Dale Strong) ۋە توم سۇئوزى (Tom Suozzi) لارمۇ ئىمزا قويغان.

مەزكۈر خەتتە، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى زەنجىرىدە سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادالەتسىز رىقابەت مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى زەنجىرى 2023-يىلى قانۇنسىز ئوكيان تۈرى (OOP) تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارىتىگە دۇچ كەلگەن. مەزكۇر تەكشۈرۈشلەردە شەرقىي تۈركىستان بىلەن شىمالىي كورېيە ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىمۇ خىتاينى مەجبۇرىي ئەمگەك جەھەتتە نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت دەپ بېكىتكەن بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) بويىچە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن تەكشۈرىلىدىغان مۇھىم تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە دىنىي ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە، 16- ۋە 17-ئىيۇل كۈنلىرى پايتەخت ۋاشىنگتوندا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رىياسەتچىلىكىدە ”دىنىي ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ۋە كېلەچەك مەنزىرىسى“ ناملىق خەلقئارا مۇنبەر ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، دىپلوماتلار، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى ۋە دىنىي رەھبەرلەر قاتناشتى.

بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى (CFU) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلدى.

ئىككى ئۇيغۇر رەھبەر يىغىن جەريانىدا «يەرشارى خاراكتېرلىك خەۋپلەر: دىنىي ئەركىنسىزلىكنىڭ بەدىلى» تېمىسىدىكى مۇزاكىرە گۇرۇپپىسىغا قاتناشتى. ئۇلار «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى ۋە «فالۇنگۇڭ ئۇچۇر مەركىزى»دىن مارك ياڭ قاتارلىق شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە، مۇستەبىت رېجىملارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارغا كۆرسىتىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆمەر قانات سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى «قانۇنلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. روشەن ئابباس بولسا بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى قاتارلىق مىللىي ھەم دىنىي گۇرۇپپىلارغا ۋەيران قىلغۇچ ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي چېگرىسى سىرتىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق سىياسەتچى، دىپلومات ۋە دىنىي رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.