سۈبھى بۆرە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاسان مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىش ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياش پائالىيەتچى سۈبھى بۆرە ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات سۆھبىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرەپلىرىدىن بىرىنىڭ «سەرلەۋھىلەردىن ئۇزاق» ئىكەنلىكى، يەنى ئاخبارات دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئالالماسلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاسان مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىش ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى بىر مۇسۇلمانلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە، سۈبھى بۆرە يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈبھى بۆرە سۆھبەت ئاخىرىدا، بىر مىللەت يەر شارىدىن يوقىلىشتىن ئاۋۋال، يەر شارى ئائىلىسىنىڭ ئېسىدىن يوقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى سۈبھى بۆرە، ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتچى بەختىيار بۆرىنىڭ قىزى، مەرھۇم خەير-ساخاۋەتچى ھۈسەن ھەسەن ئاكىنىڭ جىيەنىدۇر. ئۇ بۈگۈن يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئائىلە تارىخى، جۈملىدىن دادىسى بەختىيار بۆرىنىڭ كەچمىشلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.