”ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى“ تەشكىلاتى دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

ئۆتكەن ھەپتە، «ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى» ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىنى تەشكىللەپ، ئىككى كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

”ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى“ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقىۋاتقان تۈرلۈك روھىي بېسىملارنى كۆزدە تۇتۇپ، روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.

پائالىيەتتە، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن روھىي ساغلاملىق ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە بەردى. ئۇ لېكسىيەسىدە، روھىي ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىنسانلار كەيپىياتىدىكى نورماللىق ۋە بىنورماللىقلار، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالدى. دوختۇر مەمەت ئىمىن ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرىنىڭ يالغۇز جىسمانىي ساغلاملىققىلا ئەمەس، بەلكى روھىي ساغلاملىققىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، دوكتور ئەسەت سۇلايمان «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىياسىي پۇرسەتلەر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆتكەن بىر ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا كەلگەن سىياسىي پۇرسەتلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى ھەمدە ئاشۇ پۇرسەتلەرنىڭ قانداقلارچە قولدىن كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا، ئۇ مۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ يەنىلا كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ھەردائىم تەييار تۇرۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ لېكسىيەلەردىن كېيىن، پائالىيەتتە سۆزلەنگەن تېمىلار بويىچە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.