رابىيە قادىر خانىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان تايلاند سوتىنى ئەيىبلىدى
تايلاند سوتى بۈگۈن بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇتخانا پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلغان ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ھۆكۈمگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «سوت مۇستەقىل ۋە ئادىل بولمىدى» دەپ ئەيىبلىدى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى مەھكۇملارنىڭ قايتا ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا بۇ ئادالەتسىز سوتنىڭ داۋامىنى نازارەت قىلىشقا چاقىردى.
2015-يىلى يۈز بەرگەن مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسى تايلاند تەرەپ 109 ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە خىتاي ساياھەتچىلىرى مەركەزلىك ئىبادەت قىلىدىغان بىر بۇتخانا پارتلىتىلىپ، 20 كىشى ئۆلگەن، 129 كىشى يارىلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا تايلاند ساقچىلىرى ئادەم قاراداغ (Adam Karadagh) ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى گۇمانلىق دەپ قاراپ قولغا ئالغان ئىدى.
بۈگۈن رادىيومىز بىرما بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند سوتى پارتلىتىشنى مەزكۇر ئىككى گۇماندارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ۋە قىلمىشى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا مەھكۇملارنى كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرى سەۋەبلىك 30349 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇغان. ھۆكۈمنى ئاڭلىغان مىرئەلى ئىنگلىزچە ۋە تايلاند تىلىدا «ئادالەتسىزلىك!» دەپ توۋلاپ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
سوتتا تايلاند تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئىككى گۇماندارنىڭ پارتلىغان بۇتخانا ئەتراپىدا بولغانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە بىر تاكسىچىنىڭ ئۇلارنى بۇتخانا ئەتراپىدىن باشقا ياققا ئېلىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوتچىلار مەھكۇملارنىڭ جىنايەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، ئەمما مەۋجۇت پاكىتلارنىمۇ ئىنكار قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. سوت يەنە ئىككى مەھكۇمغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن قايتا ئەرز سۇنۇشقا 30 كۈن مۆھلەت بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن ئادەم قاراداغ يىللاردىن بېرى ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىق بىلەن بىللە، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قاماقخانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، ئىشەنچلىك تەرجىمانلار بىلەن تەمىنلەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوت جەريانلىرىنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ يەنە مەلۇم قىلىشىچە، ئادەم قاراداغنىڭ ئادۋوكاتى گۇماندار ئادەم قاراداغنىڭ چىرايىنىڭ پاسپورتتىكى سۈرەتكە ھېچ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتتا كىملىك تەكشۈرۈشنىڭمۇ تولۇق ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
رابىيە خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا مەزكۇر پارتلىتىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئەينى چاغدا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە ھېلىمۇ ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۇماندارلارنىڭ سوتلىنىش جەريانىدا ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، سوتنىڭ مۇستەقىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تايلاند تەرەپنىڭ 2015-يىلى 109 نەپەر، 2025-يىلى 40 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرغاندا خىتاينىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگكەنلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىمۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىمىنىڭ تەسىرى بىلەن چىقارغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىيە خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى تايلاند سوتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، سوتنىڭ مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مەھكۇملارنىڭ قايتا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق جەريانلارنى نازارەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
3- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى ۋە گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا پىلانلانغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى يىغىنى تۈنۈگۈن، يەنى11-ئىيۇن كۈنى رەسمىي باشلاندى.
«لاگېرلارنىڭ 10-يىلى: تونۇشتىن جاۋابكارلىققا — ئەمدى نېمە بولىدۇ؟» دېگەن باش تېما ئاستىدا باشلانغان بۇ مۇنبەرگە پارلامېنت ئەزالىرى، دىپلوماتلار، قانۇنشۇناسلار، ئالىملار، مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى بولۇپ 200 چە كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش سۆزى قىلدى. بۇ يىغىن 13-ئىيۇن كۈنىگە قەدەر ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىندىن ئاۋۋالقى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قاراتقان ئىنكاسلىرى ھەم جاۋابكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مۇنبەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا نىسبەتەن دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنكاسلارنى باھالاش، ھەم جاۋابكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي يوللارنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئېچىلىش سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر بولغان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا مىقيادا تېخىمۇ كەڭ تونۇلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئەمەلىي جاۋابكارلىقنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ تونۇشنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا قارىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۈبھى بۆرە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياش پائالىيەتچى سۈبھى بۆرە ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات سۆھبىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرەپلىرىدىن بىرىنىڭ «سەرلەۋھىلەردىن ئۇزاق» ئىكەنلىكى، يەنى ئاخبارات دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئالالماسلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاسان مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىش ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
ئاۋسترالىيەدىكى بىر مۇسۇلمانلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە، سۈبھى بۆرە يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۈبھى بۆرە سۆھبەت ئاخىرىدا، بىر مىللەت يەر شارىدىن يوقىلىشتىن ئاۋۋال، يەر شارى ئائىلىسىنىڭ ئېسىدىن يوقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى سۈبھى بۆرە، ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتچى بەختىيار بۆرىنىڭ قىزى، مەرھۇم خەير-ساخاۋەتچى ھۈسەن ھەسەن ئاكىنىڭ جىيەنىدۇر. ئۇ بۈگۈن يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئائىلە تارىخى، جۈملىدىن دادىسى بەختىيار بۆرىنىڭ كەچمىشلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى: ئۇيغۇر تىلى مەدەنىي مىراسلا ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك قورال
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ قىممەتلىك بىر مەدەنىي مىراس ئىكەنلىكى ۋە قوغدىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئېچىلغان بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر مەدەنىي مىراس بولۇشتىن كۆپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك قورال ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، پالاتانىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جون كۇرتىس (John Curtis) ئەپەندى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»دىكى ئالاقىدار ماددىلىرىنى خاتىرىلىتىپ، خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەسلىدە ئامېرىكىدا دىپلوماتلارنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەربىيەلەش پىكىرى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەمەس. «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»دىمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان دۆلەتلەرگە يوللىنىدىغان دىپلوماتلارنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ تۈر لايىھەلەرنىڭ تۈزگۈچى ۋە قوللىغۇچىلىرىدىن بولغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتلارنى كۆپ تىل بويىچە تەربىيەلەش ۋە كۆپ تىللىقلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ باياناتنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراشماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر تىلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇنىڭ پەقەت مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە، ئىستىخبارات، ئىنسان ھەقلىرى ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىنمۇ زۆرۈر قورالغا ئيلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
كانادا كېڭەش پالاتاسىدا مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى
كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى، سېناتور لېئو خۇساكوس (Leo Housakos) 9-ئىيۇن كۈنى كېڭەش پالاتاسىغا بىر تەكلىپ سۇنۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەھبۇس دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
ئۇنىڭ باياناتىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدىكى سىڭلىسى رۇشەن ئابباسنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇساكوس باياناتىدا يەنە گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى سەككىز يىل داۋامىدا ئۇنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكى، قانداق دەلىللەر بىلەن ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىشنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىدى ۋە كانادا كېڭەش پالاتاسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ۋە گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.
ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدا گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار توغرىسىدا ئىككى ئايرىم قارار ماقۇللانغان ۋە قارارلاردا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىنى بىۋاسىتە كۆتۈرۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
يازغۇچى ۋە پىداگوك ئابدۇللا تالىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى
6-ئىيۇن ئىستانبۇلدا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي مائارىپ تارىخى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە داڭلىق ئەدىب، پىداگوك ئابدۇللا تالىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
شائىر، تەشكىلاتچى ۋە كارخانىچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇر پرۇجېكىت فوندى ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقاردى.
يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن تارىخچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە جەم بولدى. يىغىندا ئابدۇللا تالىپنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇلارنىڭ تېمىلىرى ۋە بۈگۈنكى رېئال قىممىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سۆزگە چىقىپ، مەرھۇم ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يەنە بىر قۇتلۇق تەرىپى شۇ بولدىكى، ئابدۇللا تالىپنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەككەن ئوق»، «ئىگەرلىك ئات»، «لالە-قۇربان» ۋە «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابلىرى تەكلىماكان نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىندى.
ئابدۇللا تالىپ 1926-يىلى كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ۋە 2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئۇ مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھەررىر ۋە مائارىپ نازارىتىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، شېئىرىيەت، دراماتورگىيە، رومانچىلىق ۋە مائارىپ تارىخى ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ، ئۇ 80- يىللارنىڭ باشلىرىدا رومان ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي كۆرەشلىرى ئەكس ئەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان رومانى «قاينام ئۆركىشى» نى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە، شۇنداقلا كىتابخانلار ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان.
يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئەدىبنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي-ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە مىللىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك سېمىنارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى (UAA) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىزغىن ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئىككى كۈنلۈك «ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك سېمىنارى» 30-ماي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ پائالىيەت ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، شۇنداقلا بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
سېمىنارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئامېرىكا ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ تۈر مەسئۇلى جەۋھەر ئىلھام ياشلارغا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەخسۇس دوكلات بەردى. ئارقىدىن بۇ ياشلار ئامېرىكا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پالاتا ئەزاسى جەيمىس ۋالكېنشاۋنىڭ ئىشخانىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھەلىرى ياردەمچىسى ماگازىن سەيىد خانىم بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىنسام ھەقلىرى دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش بويىچە يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولدى.
ئىككىنچى كۈنى ياشلار ئۆز ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىممەتلىك لېكسىيەلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىياتىنى ؛ يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى (Global Rights Compliance) تەشكىلاتىدىن سەمىر گوسۋامى دۇنيادىكى مۇھىم قېزىلما ماددىلار تەمىنات زەنجىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەسىرىنى؛ ئالىي مۇداپىيە تەتقىقات مەركىزى ((C4ADS دىن مىشېل كوندى بولسا تەمىنات زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ قىممەتلىك سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر ياشلارغا زور ئىلھام بەردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەتلىرىدىن ئايتۈرۈك تاشپولات ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىملىق سېمىنارغا ئاكتىپ قاتناشقان ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىدا يارىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇنداق سىمېنارلارنى داۋاملىق تەشكىللەيدىكەن.
ئامېرىكىدا ياش ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ كىتاب تونۇشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاشىنگتون ۋاقتى 7-ئىيۇن. ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە، ئىككى نەپەر تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئامېرىكىلىق ئايال ئاپتورلار شەھناز قەمبىرى (تەخەللۇسى: SK. Korkmaz) بىلەن قېقېنۇس سىدىق (تەخەللۇسى: K. R. Foenix) نىڭ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان ۋە يېڭى نەشر قىلىنغان رومانلىرىنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا يازغۇچى شەھناز قەمبىرى ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان «گۈل پادىشاھلىقى» (Kingdom of Gül) ناملىق فانتازىيەلىك رومانىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئەسەردە، قوغداش قورغانلىرى ۋەيران بولغان بىر پادىشاھلىقنىڭ ئېغىر زۇلۇم خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقنىڭ سۈرگۈنلۈككە مەجبۇر بولۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار سېھرىي تۇيغۇلار گىرەلىشىپ كەتكەن فانتازىيەلىك ئوبرازلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
يازغۇچى قېقېنۇس سىدىق ئۆزىنىڭ يېڭى چىققان «قارا قانلىق بالا» (The Boy with the Black Blood) ناملىق رومانى ئۈستىدە توختالدى. روماندا 14 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ قەدىمكى سېھرىي مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى، كىملىك ئىزدەش مۇساپىسى ۋە قارا كۈچلەرنىڭ سۈيقەستىگە قارىشى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھاياجانلىق كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئاتاپ يېزىلغان بۇ فانتازىيەلىك رومانلاردا رەزىللىككە قارشى ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، سېھىرلىك كۈچكە ئىگە قەھرىمانلار ئوبرازلىرى يارىتىلغان بولۇپ، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك ۋە گۈزەللك مەدھىيەلەنگەن. شۇنداقلا، رومانلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە ئۇيغۇرچە ئېلىمېنتلار سىڭدۈرۈلگەن.
يىغىنغا يانداشقان ھالدا يەنە، نەق مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ رەسىملەردە ئانا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت، مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان سۆيگۈ، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈش قاتارلىق تېمىلار گەۋدىلەنگەن بولۇپ، نەق مەيداندىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
بۇ قېتىملىق كىتاب سۆھبىتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇش ھەمدە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى ئىككى ئايال ئاپتورنىڭ ۋە ئۆسمۈر رەسساملارنىڭ نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
