تۈنۈگۈن، يەنى11-ئىيۇن تايلاند سوتى ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جىيەن كۈندىلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز تايلاند تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك دىلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ئەينى چاغدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يەتتە نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەم قازا قىلغان، 100 نەچچە ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان، ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان. خىتاي تەرەپ تايلاند تەرەپنىڭ قاتىللارنى قانۇن بويىچە سوتلاپ قاتتىق جازالىشىنى قوللايدۇ.
2015-يىلى تايلاند ساقچى تەرەپ باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى بىر بۇتخانىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇمانى بىلەن ئادەم قاراداغ ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى مۇساپىر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇ دىلو ئۈستىدىكى تەھقىق 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئاۋستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق بەختىيا بۆرە ئەپەندىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ دىلوغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم تايلاندقا كېلىپ، سوتتا بۇ ئىككى مەھبۇسقا تەرجىمانلىق قىلغان ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەملەردە بولغان. بەختىيار ئەپەندىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
”خىتاينىڭ ئۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بولۇشى مۇمكىن. مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەن، خىتاي ئۇلارنىڭ ئېغىر جازالىنىشىدىن ئەلۋەتتە خوش بولىدۇ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن داۋاملىق ئەيىبلىيەلەيدۇ. ئەمما تايلاند سوتىنىڭ تۈزۈك ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى ئادەمنى غەزەبلەندۈرىدۇ. ھازىر مېنىڭ كۆڭلۈم بەكلا پاراكەندە. ئەمدى بىزنىڭ پەقەت بىر ئايلا ۋاقتىمىز بار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، بۇ ناھەق ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توسۇشى لازىم. مەن ئادالەتنىڭ جارى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.“
تايلاند سوتىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇس ئۈستىدىن چىقارغان بۇ ھۆكۈمى خەلقئارادا، بولۇپمۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھەمدە تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىشماقتا.
