يېقىندا، دوۋيىن (تىك-توك) سۇپىسىدا تارقالغان بىر ۋىدىيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر ۋىدىيودا، 23-ماي كۈنى شىخەنزە شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلاردىن تەركىب تاپقان 400 گە يېقىن ئەر-ئايالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، كوللېكتىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ نومۇرنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىنى ھەمدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق روھىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىخەنزە شەھىرى 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋىدىيو تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ”(خىتاي دائىرىلىرى) خىتايلارغا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئويناتقۇزۇپ، ’يېقىندىكىگە زۇلۇم قىلىش، يىراقتىكىنىڭ كۆزىنى بوياش‘ سىياسىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ.“
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر قىلمىشقا قارىتا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: ”بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت، شۇنداقلا بىر قېتىملىق كۈلكىلىك تەشۋىقات ئويۇنىدۇر. خىتايلار ئۆزىنى ئۇيغۇر قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش ’ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى‘نى تەشۋىق قىلماقتا. “
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”خىتايلارنىڭ بۇنداق بىر نومۇرنى پىلانلاپ ئورۇنلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش؛ ئىككىنچىدىن، خەلقئاراغا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئۇنى قەدىرلەۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ھازىر لاگېرلاردا بولغاچقا، ئۇنچىلىك بىر نومۇرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەش ئىمكانىيىتى يوق، يەنى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان. كۆپ سانلىق كىشىلەر ئادەتتە ئالدىنقى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، كېيىنكى نۇقتىنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، يەنى ئۇنى يوق قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى دەپ كۆرسەتمەكچى.“
