ۋولكېر تۈرك خىتاينى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى ۋە مىللىي زۇلۇمنى توختىتىشى ئۈچۈن دۇنياۋى بېسىمنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Türk) جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن 62-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى يېقىندا ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ”مەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ سىياسەتلەرنىڭ شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت يېڭى قانۇن تىل، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، پىكىر بايان قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، شۇنداقلا ئومۇمىي جەھەتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن يۈرگۈزۈلۈشىنى جازالاش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا. مەن بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە بۇنداق قىلمىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمەن.“

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 12-مارت ماقۇللانغان ۋە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى كۈچەيتىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەدە، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتى نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، مائارىپ ۋە ئاممىۋىي تۇرمۇشتا خىتاي تىلى يەرلىك تىللارنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي دەسسىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىشى چەكلىنىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا «كومپارتىيەنى سۆيۈش، خىتاي مىللىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» ئىدىيەسى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلىدۇ، دىنىي ئېتىقادلارمۇ سوتسىيالىستىك قىممەت قاراشلىرىغا بويسۇندۇرۇلىدۇ.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتايدىكى «تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى ۋە مىللىي زۇلۇمنى توختىتىشى ئۈچۈن دۇنياۋى بېسىمنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.