ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئېمىلى فېڭ (Emily Feng) سۇرىيەدىكى نەق مەيدان زىيارەتلىرى ئارقىلىق، ئەسەد رېجىمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر جەڭچىلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلدى.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئەسەد رېجىمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا چەتئەللىك جەڭچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇن بولغان ئۇيغۇرلار ئاچقۇچلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەڭلەردە ئۆزگىچە رول ئوينىغان. بۇ جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يىقىلغاندا ئۆز ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ سۇرىيەدىكى ئورنى خىتاينىڭ شىددەتلىك دىپلوماتىك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى ئىزچىل ھالدا «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا دەمەشتىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچقاندا، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى سۇرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.
بولۇپمۇ، ب د ت سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد شارا ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تېررورلۇق جازالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، دائىمىي ئەزا سۈپىتىدىكى خىتاي بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن. خىتاي بۇ قارارنى ئوچۇق تەنقىد قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە جازانىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى، يەنى ئۇلارنى چوقۇم دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشى ياكى يوقىتىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلىپ قويغان.
سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالارنى نىشانلايدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاندىكى گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۆز ۋەتىنى ۋە ئېتىقادىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مىللىي ئازادلىق كۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ب د ت نىڭ سابىق كۆزەتكۈچىلىرىمۇ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئېنىق دەلىلللەرنى كۆرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرئۇيغۇر جامائىتى سۇرىيەدە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش، تۈرلۈك تىجارەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە كۈچەۋېتىپتۇ.
