گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى يېقىنقى يىللاردا بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى تەشۋىقات سورۇنلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاچقان ۋە خىتاينىڭ ساختىپەزلىكلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ بۆسۈپ كىرىشلىرىدە بۇ قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقتى: گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
بۇ قانۇن لايىھەسى گوللاندىيەدىكى دېنك (Denk) پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان. مەزكۇر پارتىيە رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ يىل يانۋاردا خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى چاغان پائالىيىتىگە بۆسۈپ كىرگەن چېغىدا يولۇققان زورۋانلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە شۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر لايىھەنى تەييارلىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە اخباراتتا قوزغالغان غۇلغۇلىدا، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تەشۋىقات سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىشى ۋە غەزەپلىك توندا خىتايغا قارشى شوئار توۋلىشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە پاجىئەسى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا «يوللۇق قارشىلىق» دەپ قارالغان ئىدى.
مەزكۇر قانۇندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى جسۇرلۇق ۋە ئىزچىللىقتىن باشقا، پائالىيەتلىرى داۋامىدا گوللاندىيەنىڭ قانۇن-تۈزۈمىگە تولۇق رىئايە قىلىشى ۋە قانۇندىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلىشىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.
