ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 15 كۈن ئاۋۋال، شەرقىي تۈركىستاندا بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بۇ تەدبىرلىرى ئارىسىدا ئەرزدارلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ ئەرز قىلىشى، بولۇپمۇ بېيجىڭغا بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.
تۈركىيەدىكى ئاقسۇلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇنىڭ تارتىۋېلىنغان يەرلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭغا ئەرز قىلغىنى بارغان سابىق قۇلۇم-قوشنىلىرى ئاقسۇدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال قايتىپ كېلىش ھەققىدە تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان؛ تېلېفوندا ئۇلارنىڭ 14-چىسلادىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى جىددىي شەكىلدە ئۇقتۇرۇلغان. ساقچىلار يەنە ئەرزدارلارغا 14-، 15-چىسلانىڭ ئالاھىدە كۈنلەر ئىكەنلىكى، ئۇ كۈنلەردە ئەرزدارلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ئەرزدارلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى ئاقسۇدىن يۇرت ئاتلاپ ماڭغان ئەرزدارلارنى 14-چىسلادىن بۇرۇن قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە، يەنە بىر تۈركۈمىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىم ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا يۇقىرىدىن يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى، مەزكۇر ئەرزدارلارنى ئەنە شۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن قايتۇرۇپ ئەكىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئارقىدىن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ دونالد ترامپنىڭ زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
ھەر قېتىم چەت ئەلدىن دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى كەلگەندە، ئەرزدارلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش - خىتايدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىدى. مەسىلەن، تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، غايىب ئوغلىنى ئىزدەۋاتقان پاتىگۈل غۇلام ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ سابىق مۇخبىرى جۈرئەت نىزامىدىنمۇ دادىسى ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقانلىقى ۋە ئۆزى نۇقتىلىق ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە بىر قانچە كۈن بىر مېھمانخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى.
2017-يىلى لاگېرلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرزدارلارنىڭ سانىمۇ يوق دېيەرلىك ھالغا چۈشكەن ۋە خەتەرلىك دەپ قارالغان كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ بولغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا خىتاي تەرەپنىڭ يەنىلا جەمئىيەت ئامانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي دونالد ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىرەر ئىش چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئەندىشىنىڭ مەنبەسىنى رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. نۇرمەمەت مۇساباي يەنە خىتاينىڭ بىر مۇستەملىكىچى دۆلەت سۈپىتىدە ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خاتىرجەم بولالمىغانلىقى، بۇ ئەندىشىنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم لاگېردا يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
