دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى چەكلەنگەن
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 15 كۈن ئاۋۋال، شەرقىي تۈركىستاندا بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بۇ تەدبىرلىرى ئارىسىدا ئەرزدارلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ ئەرز قىلىشى، بولۇپمۇ بېيجىڭغا بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.
تۈركىيەدىكى ئاقسۇلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇنىڭ تارتىۋېلىنغان يەرلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭغا ئەرز قىلغىنى بارغان سابىق قۇلۇم-قوشنىلىرى ئاقسۇدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال قايتىپ كېلىش ھەققىدە تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان؛ تېلېفوندا ئۇلارنىڭ 14-چىسلادىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى جىددىي شەكىلدە ئۇقتۇرۇلغان. ساقچىلار يەنە ئەرزدارلارغا 14-، 15-چىسلانىڭ ئالاھىدە كۈنلەر ئىكەنلىكى، ئۇ كۈنلەردە ئەرزدارلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ئەرزدارلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى ئاقسۇدىن يۇرت ئاتلاپ ماڭغان ئەرزدارلارنى 14-چىسلادىن بۇرۇن قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە، يەنە بىر تۈركۈمىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىم ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا يۇقىرىدىن يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى، مەزكۇر ئەرزدارلارنى ئەنە شۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن قايتۇرۇپ ئەكىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئارقىدىن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ دونالد ترامپنىڭ زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
ھەر قېتىم چەت ئەلدىن دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى كەلگەندە، ئەرزدارلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش - خىتايدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىدى. مەسىلەن، تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، غايىب ئوغلىنى ئىزدەۋاتقان پاتىگۈل غۇلام ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ سابىق مۇخبىرى جۈرئەت نىزامىدىنمۇ دادىسى ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقانلىقى ۋە ئۆزى نۇقتىلىق ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە بىر قانچە كۈن بىر مېھمانخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى.
2017-يىلى لاگېرلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرزدارلارنىڭ سانىمۇ يوق دېيەرلىك ھالغا چۈشكەن ۋە خەتەرلىك دەپ قارالغان كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ بولغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا خىتاي تەرەپنىڭ يەنىلا جەمئىيەت ئامانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي دونالد ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىرەر ئىش چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئەندىشىنىڭ مەنبەسىنى رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. نۇرمەمەت مۇساباي يەنە خىتاينىڭ بىر مۇستەملىكىچى دۆلەت سۈپىتىدە ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خاتىرجەم بولالمىغانلىقى، بۇ ئەندىشىنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم لاگېردا يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
قانۇنسىز دۇمباقچىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي شەھەر باشلىقىنى تەختىدىن يىقىتتى
لوس ئانجېلىستىكى ئاركادىيە (Arcadia) شەھىرىنىڭ خىتاي پۇشتىدىن بولغان شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئايلىن (Eileen Wang) قانۇنسىز ھالدا خىتاينىڭ دۇمباقچىلىقىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ ئايلىن 2022-يىلى ئاركادىيە شەھەر مەجلىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش قائىدىسى بويىچە بۇ يىل 2-ئايدا شەھەر باشلىقلىق ئورنىغا يۈكسەلگەن. ئۇ بۇ يۈكسىلىشلەردىن ئاۋۋال، يەنى 2020 ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان ۋە ئوقۇرمەنلىرى خىتاي ئامېرىكىلىقلاردىن تەشكىللەنگەن «ئامېرىكا خەۋەر مەركىزى» تورىنى باشقۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا مەزكۇر خەۋەر تورىغا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى زاكاز قىلغان خەۋەر-ماقالىلەرنى باسقان ۋە خىتاي تەرەپكە توردىكى خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ھەققىدە دوكلات قىلىپ تۇرغان؛ ھەتتا بىر قېتىمدا بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ يازغان ماقالىسىنى ئەينەن باسقان.
ئامېرىكىنىڭ «چەت ئەل ۋەكىللىرىنى تىزىملىتىش قانۇنى» ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىكنىڭ چېكىنى بىلمىگەنلەرگە ھەددىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە ئامېرىكىدا چەت ئەل مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار چوقۇم ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆزىنى تىزىملىتىشى كېرەك.
ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تور بەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن يەنە بىرى، خىتاي پۇشتىدىن بولغان ياۋ نىڭ (Yaw Ning) 2024-يىلى قانۇنسىز ۋەكىللىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 4 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان. قانۇن ئورگانلىرى ياۋ نىڭنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئايلىننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى، جۈملىدىن يېزىشقان خەت ۋە قىلغان دوكلاتلىرىنى بايقىغان ۋە سوتقا تارتقان. ۋاڭ 11-ماي كۈنى سوتتا جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە، شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قانۇنىدا تىزىملاتماي، يەنى ئۆزىنى مەلۇم قىلماي تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ سىياسەت، ئاخبارات ۋە لوبىيىچىلىق ساھەلىرىدە باشقا دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنى دۇمباقچىلىق قىلسا «قانۇنسىز ۋەكىل» دەپ ئەيىبلىنىدۇ؛ ئەگەر ھەربىي ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىسا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئاخباراتلاردا ۋاڭ ئايلىنغا قانۇنسىز ۋەكىللىك جىنايىتى ئۈچۈن كۆپ بولغاندا 10 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئىندىيانادا ماركو پولو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كارۋان سارايى قەد كۆتۈرمەكتە
ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئىشتاتىنىڭ بىلۇمىڭتون (Bloomington) شەھىرىدە ماركو پولو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كارۋان سارايى بەرپا قىلىنماقتا. كارخانىچى غەيرەتجان روزى تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان بۇ ساراي 86 مو كۆلەمدە بولۇپ، ساراي قۇرۇلۇش پىلانى مېھمانخانا، مۇراسىم زالى، رېستوران، كۆرگەزمىخانا ۋە سەيلىگاھ قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورمانلىق ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بۇ ئورۇن بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ %35 ى پۈتۈپ بولغان ۋە بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە سەھنە بولغان.
غەيرەتجان روزى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە كارۋان سارايىنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈمىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، كۆرگەزمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىتاب، رەسىم ۋە بۇيۇملار بىلەن تولدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئەل-جامائەتنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆرگەزمە قىممىتى بولغان ھەرقانداق مەدەنىيەت بۇيۇم ۋە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
غەيرەتجان روزىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ كارۋان ساراي قۇرۇش خىيالىغا بىلۇمىڭتوندا مەۋجۇت بولغان تىبەت-موڭغۇل مەدەنىيەت سارىيىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەزىبىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ تونۇلۇشىدا ئويناۋاتقان رولى تەسىر قىلغان. غەيرەتجان يەنە نۆۋەتتە جاپالىق ۋە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە بىر ئارامگاھ تەقدىم قىلىش ئارزۇسىمۇ بارلىقىنى، بۇ ئارزۇسىنى مانا مۇشۇ كارۋان ساراي ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
غەيرەتجان روزى بۇ ساراينى سېلىشتىن ئالدىدا، يەنى 2020-يىلى بۇ جايدا ماركو پولو ياۋرو-ئاسىيا تائاملىرى رېستورانىنى ئاچقان. بۇ رېستوران قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازار تېپىپ، بىر قېتىملىق رېستوران باھالاشتا ئىندىئانادىكى 300 نەچچە رېستوران ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى 3 رېستوراننىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بۇ كارۋان سارايىنىڭ ئەنە شۇ رېستوران تىجارىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان غەيرەتجان روزى، بۇ ساراي ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت، مەنىۋى ئۈنۈم ۋە سىياسىي تەسىر ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ بۇ ساراي ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەمگىكى -چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر - ھەقسىز كۈتۈۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاسارەتلىك قەدەم گوللاندىيەدە يېڭى قانۇننىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى
گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى يېقىنقى يىللاردا بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى تەشۋىقات سورۇنلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاچقان ۋە خىتاينىڭ ساختىپەزلىكلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ بۆسۈپ كىرىشلىرىدە بۇ قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقتى: گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
بۇ قانۇن لايىھەسى گوللاندىيەدىكى دەنك (Denk) پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان. مەزكۇر پارتىيە رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ يىل يانۋاردا خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى چاغان پائالىيىتىگە بۆسۈپ كىرگەن چېغىدا يولۇققان زورۋانلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە شۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر لايىھەنى تەييارلىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە اخباراتتا قوزغالغان غۇلغۇلىدا، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تەشۋىقات سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىشى ۋە غەزەپلىك توندا خىتايغا قارشى شوئار توۋلىشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە پاجىئەسى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا «يوللۇق قارشىلىق» دەپ قارالغان ئىدى.
مەزكۇر قانۇندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى جسۇرلۇق ۋە ئىزچىللىقتىن باشقا، پائالىيەتلىرى داۋامىدا گوللاندىيەنىڭ قانۇن-تۈزۈمىگە تولۇق رىئايە قىلىشى ۋە قانۇندىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلىشىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىك-توكتىكى ئاھۇ-زارى: خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە
يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تىك-توك (دوۋيىن) سۇپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە قامالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئايرىلىش ئازابى ئەكس ئەتكەن بىر يۈرۈش ئىنكاسلار كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بىر ئۇيغۇر تورداشنىڭ تۈرمىدىكى ئانىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە يوللانمىسىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق ئىنكاس چۈشكەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىت ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، ئىنكاس يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ داۋاملىق قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، بەزلىرىنىڭ ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىمكانقەدەر سىلىق شەكىلدە بايان قىلىشقان.
ئىنكاسلاردا ”9 يىل قالدى“، ”يەنە 5 يىلدىن كېيىن كۆرۈشىمىز“، ”تېخى 11 يىل بار“، ”2028-يىلى قايتىپ كېلىدۇ“ دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ۋە ئائىلىلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا پارچىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
بەزى ئىنكاسلاردا يېقىنلىرىنىڭ تۈرمە ياكى لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلىكى ”ئاپام بىلەن يولدىشىم قايتىپ كەلمەيدۇ“، ”بالامنى مەڭگۈلۈك ئۇزۇتۇپ قويدۇم“، ”ھايات بولغان بولسا، مەنمۇ مانچە يىلدىن كېيىن كېلىدۇ دەپ ساقلىسام مەيلى ئىدى...“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن.
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ”بۇنداق گەپلەرنى ئىنكاستا يازماڭلار“ دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئورۇنسىز ھالدا ”پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە تەشەككۈر“ ئېيتىشى، رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي كونتروللۇقنى، كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق قاتتىق قامال ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەردىكى ۋەھىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۇ ئىنكاسلار خىتاي دائىرىلىرى ”ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش“ ۋە ”جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش“ دېگەن نام ئاستىدا نىقابلىغان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى. تىك-توكتىكى بۇ ئاھۇ-زارلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كەڭ كۆلەملىك پاجىئەسىنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسىدىن ئىبارەت خالاس.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ب د ت غا «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش» ئىلتىماسى سۇندى
5-ماي، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى (ETGE) بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى (ETNM) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالاھىدە كومىتېتىغا (C-24) ئىلتىماس سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە شەرقىي تۈركىستاننى ”ئۆزىنى ئىدارە قىلىشتىن مەھرۇم قالغان تېررىتورىيە“ Non-Self-Governing Territory سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا «مۇستەملىكىچى كۈچ» سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي خەلقئارالىق جەڭ ئېلان قىلىنىشى دېيىلدى. ئىلتىماستا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ۋە يەرلىك تۈركىي خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئىشغال قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىلتىماستا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىلغا قەدەم قويغانلىقى، تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماش، ئورگان ئەتكەسچىلىكى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنداقلا يەنە، يېقىندا تەستىقلانغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى قانۇنىيلاشتۇرغانلىقى ئەيىپلەندى.
ئىلتىماستا، سۈرگۈن ھۆكۈمەت ب د ت دىن خىتاينى ”ئىشغالىيەتچى كۈچ“ دەپ بېكىتىشىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتە توختىلىپ: ”80 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش رامكىسى ئارقىلىق ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ب د ت ئالدىدا شۇ ئوخشاش ھوقۇقىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى» دېدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى سالىھ خۇدايار مۇنداق دېدى: ”نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يىلتىزى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقىدا. مۇستەملىكىچىلىككە خاتىمە بېرىش ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك يولىدۇر.“
رەيھان ئەسەت پىرېزىدېنت تىرامپنى تۈرمىدىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى
ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى رەيھان ئەسەت «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا ئۇكىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر كارخانىچى، ”باغداش تورى“نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا تولۇق 10 يىل بولدى. رەيھان ئەسەت ئۇكىسىنىڭ بىر ئۆكتىچى ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشقا تىرىشقان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇنى پەقەت بىر سىياسىي دەسمائە سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئىلگىرى رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى مەھبۇسلارنى قۇتقۇزۇشتا كۆرسەتكەن ئۈنۈملۈك سۆزلىشىش كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئەكبەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ شەرتى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوبزوردا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پروگراممىلىرىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، تىرامپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك بايدىن ھۆكۈمىتى قىلالمىغان بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىردىنبىر شەخس ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا دونالد ترامپنى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشقا ھەمدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
