يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تىك-توك (دوۋيىن) سۇپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە قامالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئايرىلىش ئازابى ئەكس ئەتكەن بىر يۈرۈش ئىنكاسلار كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بىر ئۇيغۇر تورداشنىڭ تۈرمىدىكى ئانىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە يوللانمىسىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق ئىنكاس چۈشكەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىت ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، ئىنكاس يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ داۋاملىق قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، بەزلىرىنىڭ ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىمكانقەدەر سىلىق شەكىلدە بايان قىلىشقان.
ئىنكاسلاردا ”9 يىل قالدى“، ”يەنە 5 يىلدىن كېيىن كۆرۈشىمىز“، ”تېخى 11 يىل بار“، ”2028-يىلى قايتىپ كېلىدۇ“ دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ۋە ئائىلىلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا پارچىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
بەزى ئىنكاسلاردا يېقىنلىرىنىڭ تۈرمە ياكى لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلىكى ”ئاپام بىلەن يولدىشىم قايتىپ كەلمەيدۇ“، ”بالامنى مەڭگۈلۈك ئۇزۇتۇپ قويدۇم“، ”ھايات بولغان بولسا، مەنمۇ مانچە يىلدىن كېيىن كېلىدۇ دەپ ساقلىسام مەيلى ئىدى...“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن.
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ”بۇنداق گەپلەرنى ئىنكاستا يازماڭلار“ دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئورۇنسىز ھالدا ”پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە تەشەككۈر“ ئېيتىشى، رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي كونتروللۇقنى، كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق قاتتىق قامال ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەردىكى ۋەھىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۇ ئىنكاسلار خىتاي دائىرىلىرى ”ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش“ ۋە ”جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش“ دېگەن نام ئاستىدا نىقابلىغان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى. تىك-توكتىكى بۇ ئاھۇ-زارلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كەڭ كۆلەملىك پاجىئەسىنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسىدىن ئىبارەت خالاس.
