يېقىندا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مودا كېيىم لايىھىلىگۈچىسى داشا پومېرانز (Dasha Pomeranz) باشلىغان «كۆچمەنلىك يىپلىرى» (The Threads of Migration) ناملىق تۈر توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ سۆھبەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىي ئايال ئېللا كوگان، لاگىر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە قەشقەرى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەۋر ۋە جۇغراپىيەدىكى زۇلۇم ۋە سۈرگۈنلۈك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ خىتاي لاگىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى، سۈرەييە قەشقەرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق كۆرەش قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالدى.
«كۆچمەنلىك يىپلىرى» ژۇرنالىزم، مودا كېيىم ۋە سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى كۆچمەن ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈر بولۇپ، داشا پومېرانز مەزكۇر تۈرنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بىلەن سۈرەييا قەشقەرىنىڭ كىملىكى، مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىن كۈنلىرىنى مەخسۇس لايىھىلەنگەن سەنئەتلىك يوپكىلارغا سىڭدۈرگەن. بۇ يوپكىلارنىڭ بەزىلىرىگە لاگىردىكى ئاياللارنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولسا، بەزىلىرىگە ئانا تىل ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە شېئىرىي مىسرالار كەشتىلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بۇ يوپكىلار ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭ، يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ، ھەتتا داڭلىق چولپان ۋە ئارتىستلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
مەزكۇر تۈرنىڭ مەسئۇلى داشا پومېرانز نيۇ-يوركتا پائالىيەت قىلىۋاتقان تونۇلغان كىيىم-كېچەك لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى لوندون خان جەمەتى ئوپېرا تىياتىرىدا ئىشلىگەن، ئەسەرلىرى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. داشا ئۆزىنىڭ كۆپ دۆلەتكە چېتىلىدىغان كۆچمەنلىك ھاياتىدىن ئىلھام ئېلىپ، 2023-يىلى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» دېگەن بۇ تۈرىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ تۈر كىيىم-كېچەكنى پەقەت بىر كۈندىلىك بۇيۇم ياكى ئۆزگىرىشچان مودىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنى ساقلايدىغان ھۆججەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ، سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلغان.
