دەۋا سېپىدىكى ياشلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن مەمنۇنمەن ۋە ئۈمىدۋارمەن
(ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىمنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىك سۆزى)
مۇخبىر ئىلاۋىسى:ئەركىن ئالپتېكىن ئاكا، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ھاياتى نىسبەتەن قىيىن يىللاردا، يەنى 1980–1990-يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ بايراقدارى بولغان ۋە يول ئاچقان شەخسلەردىندۇر. ئۇ گېرمانىيەدىكى «ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى»دا 20 يىلدىن ئارتۇق مۇخبىر، تەھرىر ۋە مۇدىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ يەنە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلاردىن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» (UNPO) بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى»نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىندۇر. ئەركىن ئاكا كۆپ يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالغا يەتەكلەيدىغان قابىل مىللىي رەھبەرلەرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھاجىرەتتە مىللىي ھەرىكەتتە ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياشلارغا ئورۇن بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدىمۇ ئەنە شۇ نۇقتىنى تەكرارلىدى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئانا ۋەتەن ۋە چەت ئەللەر دە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىم، ھەممىڭلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى چىن يۈرەكتىن قۇتلايمەن! ئاللاھتىن ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر، بولۇپمۇ سەبر-تاقەت تىلەيمەن. «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتىندىن ئايرىلدۇق» دېگەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىر 3-ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنىڭ ۋەتەن-مىللەتنىڭ دەردىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش يولىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. ئەمما ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ، 3-ئەۋلادنىڭمۇ 4-ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈش ئىشىغا ناھايىتى جىددىي رەۋىشتە پائالىيەت كۆرسىتىشى كېرەك. مەن بىرنەچچە يىغىندا ناھايىتى قابىلىيەتلىك، بىرنچە تىل بىلگەن ياشلارنى كۆردۈم؛ بۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشنىڭ ئىچىدىن چىقالايدىغان، جەسۇر ۋە قابىلىيەتلىك ياشلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇلارنى يېتىشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدا ۋەتەندىكى مەھبۇسلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-ماي كۈنى، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە سۈرىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جامائىتى ھېيت نامازلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان مەھبۇسلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىدە ئوقۇلغان ھېيت نامىزىدا، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭمۇ ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىگە توغرا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئەل-جامائەت سەبر-تاقەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەخسۇس ھېيت تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى، مەھبۇس قېرىنداشلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت ھەققىدىكى باياناتىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دىنىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ داغدۇغىلىق قۇربان ھېيت مۇراسىمى سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر توپلانغان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، گېنېرال-مايور ئابدۇلئەزىز داۋۇت، پولكوۋنىك ئابدۇسالام ياسىن ۋە پولكوۋنىك مەۋلان تۇرسۇنلار ھېيت تەبرىك سۆزى قىلدى. گېنېرال ئابدۇلئەزىز داۋۇت سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ۋەتەن ئىچىدە ھېيت تەبرىكلەش ئىمكانىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلارغا ئاسانلىق ۋە ئامانلىق تىلىدى.
بۇ ھېيتلىق پائالىيەتتە يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىچىك تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى. مانېۋىردا سۈرىيە ئارمىيەسى 84-دىۋىزىيەسىنىڭ بېشىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شەپكىلەرنى كىيگەن، ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى ھەر خىل ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقىنى ئېچىش ۋە لەپىلدىتىش بىلەن مانېۋىرنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ھېيت پائالىيىتىگە كۆپ ساندا ئانىلار ۋە بالىلار ۋە بىر قىسىم سىرت دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارمۇ قاتناشتى.
خىتاينىڭ قۇربان بايرىمى «تىياتىرى» بۇ يىلمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى
خىتاينىڭ قۇربان بايرىمى تەشۋىقاتى بۇ يىلمۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيتقا يول قويغان شەكىلدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ۋە بىر قاتار ئىجرئاتنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، رايوندىكى قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى پەدەزلەپ بولالمىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، بۇ قۇربان ھېيت سەۋەبلىك رايوندا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەش كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن. ئىنكاس قىلىنىشىچە، دائىرىلەر جەمئىيەتتە ھېيت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تاقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن. ئەمما، ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا 10 يىللاپ كېسىلگەنلەر تېخىچە تۈرمە ۋە لاگېردا جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئاھالىلەر مەسچىتكە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئېنىقلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئاھالە كومىتېتلىرى پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرىنى مەسچىتلەرنى بوش قويماسلىققا ھەرىكەتلەندۈرگەن. بەزى جايلاردا ساقچىلار پۇقرائىچە كىيىنىپ، مەسچىتتە نامازخان رولىنى ئالغان؛ نەتىجىدە بۇ يىل بىر قىسىم كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئېچىلغان مەسچىتلەردە، ناھايىتى ئاز ساندا بىر قىسىم ياشتا ئالاھىدە چوڭلار ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەزىپىلەندۈرگەن نامازخانلارلا ھېيت نامىزى ئوقۇغان. لېكىن يەنىلا خىتاي تەرەپ كۈتكەن ھېيت مەنزىرىسى شەكىللەنمىگەن.
27-ماي كۈنى ھېيتگاھ مەيدانىنى سىنغا ئالغان بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ سىن فىلىمى ۋە بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھېيت كۈنى ھېيتگاھ مەيدانى ئاساسەن بوش دېگۈدەك ھالەتتە بولۇپ، پۈتۈن مەيداندا ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەرنى قاتقاندىمۇ مەيداندىكى ئومۇمىي ئادەم سانى 50-60 تىن ئاشمىغان.
ئەھۋال غۇلجا شەھىرىدە نىسبەتەن پەرقلىق بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى تۇڭگان مەسچىتىدە ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلاشقا تىرىشقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىمۇ، بۇ يىل قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇپ-ئوقۇلمىغانلىقى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ساقچىلاردىن بىرى بۇ يىلمۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنى مەسچىتكە كېلىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي 2023-يىلىمۇ سۈنئىي ھېيت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھېيتگاھ مەيدانىغا ناغرا-سۇنايچىلارنى يىغىپ باققان، ئەمما مەيدانغا ئاھالىلەر كومىتېتلىرى يىغىپ كەلگەن بىر قانچە ئون كىشىدىن باشقىلار توپلانمىغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئافرىقىدا ئىشقا يارىغان چېگرا ھالقىغان قولى بېرلىندا كارغا كەلمىدى
خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئافرىقادۆلىتى زامبىيەدە ئېچىلماقچى بولغان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ تىزىملانغان بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى توسۇپ قويغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ چېگرا ھالقىغان قولى بېرلىندا كارغا كەلمىدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى بېرلىن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئېچىلماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى يىغىنىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بۇ تەلىپىگە پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «ئۇيغۇر ئۈچۈن» ناملىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى پىلانلىغان يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاچقان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى چوڭ تۇتقۇن توغرىلىق شاھىدلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان. يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ فىلىم ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
بۇ يىغىنى توسۇپ قېلىشقا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۈچى يەتمەيۋاتقانلىقىنى بايقاغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «خىتاي تەتقىقاتچىلار ئۇيۇشمىسى» ئۇنىۋېرسىتېتقا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا تەلەپ سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاي دۆلىتى بىلەن ئوخشاش مەيداندا ئىكەنلىكىنى تەرەددۇتسىز ھالدا ئاشكارىلىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يىللاردىن بېرى چەتئەللەردىكى خىتايدىن كەلگەن ئاتالمىش تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساپ ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەمەسلىكى، دۆلەتكە باغلانغان تەتقىقات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.
قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى زىيارەت سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان
قازاقىستاندا ئۆتكەن ئايدا قاماققا مەھكۇم قىلىنغان بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى 25-ماي كۈنى ئاستانىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇقلىنىپ سەپەردىن توسۇپ قويۇلغان. ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە «ئاتايۇرت» تەشكىلاتى شۇ سەپەرگە چىققان كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ غايىب پائالىيەتچىلەردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئورالقان ئابېنقىزى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن سوئاللىرىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. دېيىلىشىچە، ئۇ يولدىشى تۇرسۇنبېك قابى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. ئورالقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئىككى سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ ئاستانىغا بارغىنىدا، پويىز بېكىتىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلارغا دۇچ كەلگەن.
ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا سەپىرىدىن توسۇپ قالغان ۋە ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ئىككى سائەتچە سوراق قىلغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە تارقىتىۋەتكەن. ئورالقان بىلەن بىرلىكتە سوراق قىلىنغان ئىككى سەپدىشىدىن بىرى ئاسېن نۇرسان، يەنە بىرى نۇرگۈل ئىبرايېۋا بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتايغا قارشى نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا تۇتۇقلانغان قازاق مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىكەن.
بۇنىڭدىن نەق 16 يىل ئىلگىرى قورغاس ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاي ئەلچىخانىسى خىتايغا ياندۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بولسا ئەرشىدىننى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۈچىنجى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئىككى ئەلچىخانىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى شۇ كۈرىشىنىڭ ھېلىھەم ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي تۈرمىسىدىكى راھىلە داۋۇتنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى
20-ماي، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئېتنوگراف، پروفېسسور راھىلە داۋۇت 60 ياشقا كىردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) مەخسۇس بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ بىر ۋىجدان مەھبۇسى سۈپىتىدە ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
مەزكۇر ۋىدىيودا راھىلە داۋۇتنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم سەپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى، سېغىنىشى ۋە مەدەتلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار راھىلە داۋۇتنىڭ پەزىلەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشتىن باشقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
بۇ ۋىدىيودا، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى راھىلە داۋۇت دېلوسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى، شۇنداقلا بۇ مەدەنىيەتنى خاتىرىلەش، ساقلاش ۋە قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ بىرقىسىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئالىم راھىلە داۋۇت 2017-يىلى دېكابىردا تۇيۇقسىز غايىب بولغان. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ، 2021-يىلى ئۇنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. ئۇزاق ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» دېگەن مەۋھۇم جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
راھىلە داۋۇت ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ”تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملار“ تورىنىڭ ”تەپەككۇر جاسارىتى“ مۇكاپاتى، ئوچۇق جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تورى (OSUN) نىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى، خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (International PEN) نىڭ ”جاسارەتلىك يازغۇچى“ مۇكاپاتى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى قاتارلىق كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
ۋىدىيودا مۇنداق خىتاب قىلىندى: ”يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەش ئىچىدە ئەمەس، بەلكى سۈكۈت ئىچىدە ئۆتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى راھىلە داۋۇتنى ۋىجدان مەھبۇسى دەپ قارايدۇ. ئۇ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. خىتاي چوقۇم ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى ئاشكارىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك!“
راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ توققۇز يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىق، ئالىمنىڭ ئائىلىسىگە مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشتا مۇھىم بىر سادا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پائالىيەتچى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى تىبەت مۇستەقىللىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ مەخسۇس سۆز قىلدى
26-مايدىن 28-مايغىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھرىدە 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ”ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى“ نىڭ قۇرغۇچىسى، پائالىيەتچى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
تىبەت مۇستەقىللىق ھەيئىتى بىلەن تىبەت ياشلارقۇرۇلتىيى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ يىغىنغا ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرىيە (شەرقىي تۈركىستان)، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇق سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە ئىستراتېگيەچىلەر قاتناشقان بولۇپ، ۋەكىللەر مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى؛ شۇنداقلا ئۆزارا ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى كۈچلۈك بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىغا يەنە ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، فىرانسىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىيون ۋە مۇتەخەسىلەرمۇ قاتناشتى.
ئۈمىد خەمىت ئاگاھى يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە خىتايغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇددى تىبەتكە ئوخشاشلا خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلىقىغا، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۈمىد خەمىت ئاگاھىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ”ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى“ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.
خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى تونۇشتۇرۇلدى
14-مايدىن 16-مايغىچە، تۈركىيەنىڭ مەرسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەنئەنىدىن كېلەچەككە ئاناتولىيە موتىفلىرى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەتلىسى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئىران ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 170 نەپەر تەتقىقاتچى قاتناشتى.
يىغىندا تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر «ئۇيغۇر ئەتلەس موتىفلىرىنىڭ تارىخىي-مەدەنىيەت قاتلاملىرى توغرىسىدا» تېمىسىدا ئايرىم دوكلات سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا ئەتلەس نۇسخىلىرىدىكى «قوچقىراق»، «شەيتان قۇلۇب» ۋە «ھاياتلىق دەرىخى» قاتارلىق موتىفلارنىڭ تۇرپان تام رەسىملىرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئۆرنەكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا، تۈرك سەنئىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان «خاتايى» موتىفىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ يىپەك يۇرتى—خوتەن ئىكەنلىكىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ چوڭ تىپتىكى ئىلمىي يىغىلىش قەدىمىي يىپەك يولىدىن تاكى ئاناتولىيەگىچە سوزۇلغان زېمىندىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، شېئىرىيەت ۋە مەدەنىيەت-سەنئەتتە كۆرۈلىدىغان موتىف دەپ ئاتىلىدىغان سىمۋوللۇق ئېلېمېنت ۋە نەقىشلەرنى مەدەنىيەت بەلباغلىرى ۋە پەنلەرنىڭ ئۆزئارا كېسىشكەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان.
يىغىن جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت مىراسىنى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان سىياسىي سۈيىقەستلىرى تەنقىد قىلىندى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈنكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
زۇلھايات خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، يىغىندا تەتقىقاتچىلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دوپپا ۋە ئەتلەسنىڭ كىملىك ساقلاشتىكى مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق زەربە بېرىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
