لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى. كۇرسانتلار ياۋروپانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە لوندون شەھىرىدىن بولۇپ 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 33 ئۆسمۈردىن تەشكىللەندى. ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە پەرزەنتلەرنىڭ كىملىكىنى، ئۇيغۇرلوق غۇرۇرىنى، مىللىي غايىسىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ھالدا، مەشرەپ، ئەدەبىيات، مۇزىكىدىن ساۋات بېرىلدى، رەختلەرگە ئۇيغۇرچە نۇسخا قوندۇرۇش، يەنى كەشتىچىلىك (سەرگەزچىلىك)مۇ ئۆگىتىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى دەرىسلەر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئىشتىراكىدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇريار تەشكىلاتى ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۇرستا ئابدۇۋېلى ئايۇپ، مىركامىل تۈركەل ۋە زۇلھايات ئۆتكۈرلەر دەرس سۆزلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى داستىخان سېلىپ، كۇرسنىڭ تەشكىللىگۈچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇزىتىش زىياپىتى بەردى.