28-ئاپرېل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (Uyghur Human Rights Project ) خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى (Human Rights in China)، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سودا قىلماسلىق (No Business with Genocide) قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە پىكىر باياننامىسى سۇنۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سىسكو سىستېمىسى (Cisco Systems) نىڭ خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزىمگە يانتاياق بولغانلىقىنى ئەيىپلىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىي سوتىدا قاراپ چىقىلىۋاتقان بۇ دېلو ئەسلىدە 2011-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، بىر قىسىم فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى سىسكو سىستېمىسىنى ئۇنىڭ خىتاينىڭ «ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى» ناملىق تور نازارەت سىستېمىسىنى لايىھەلەشكە قاتناشقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن. دەۋاگەرلەر بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش ۋە باستۇرۇشىغا ماسلاشتۇرۇلغان مەخسۇس تېخنىكىلىق قوراللارنى لايىھەلەپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دەۋاگەرلەر بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە قىيىن-قىستاقلارنى ئالدىن بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ھەمكارلاشقانلىقى نى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىسكو شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ پەقەت ئادەتتىكى تور ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، سوتتا نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنى ئاقلاپ كەلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات باياننامىدە: ”خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن تېخنىكا شىركەتلىرى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلماسلىقى كېرەك“ دەپ كۆرسەتتى.
بۇ سوتنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېخنىكا سودىسىدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىش-تارتىلماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارالماقتا.
