سۇئال: ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى پىلانى قاچان، قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
جاۋاب: ئۈرۈمچىدە قاماقخانىدىكى مەزگىلىمدە خىيالىمغا كەلگەن ئىدى. 2007-يىلى قاماقخانىدىن چىقىپ، بۇ ئوي-خىيالىمنى بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋە زىيالىيلار بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2009-يىلى 5-ئايدا تۇنجى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق.
سۇئال: دېمەك، پىلان قاماقخانىدا ئېسىڭىزگە كەپتۇ. شۇ قاماقخانىنىڭ ئىچىدە بۇ پىلانىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر ئىش، بىر ھادىسە بارمۇ؟
جاۋاب: مەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات تورىغا ماقالا يازغىنىم ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان ئىدىم. خىتاينىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈۋېتىپ، جۇاڭزۇلارنىڭ «سۇ چېچىش بايرىمى» ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ قالدىم. شۇ زامان كاللامغا بىر ئوي كەلدى: «بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى قوزغىمايمىز؟» دەپ. چۈنكى مەدەنىيەتنى قوغداش ھەرىكىتىمىزنى بۇ ئۇسۇلدا ئېلىپ بارساق، ھۆكۈمەتمۇ بەك ئەندىشىگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، خەلقىمىزمۇ نىسبەتەن بىخەتەر ھالدا ھەرىكىتىمىزگە ماسلىشىپ ماڭالايدۇ.
سۇئال: دېمەك، قاماقخانا، قولىڭىزدىكى كويزا سىزنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش غايىڭىزدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى، ئىرادىڭىزنى تەۋرىتەلمىدى، ئەكسىچە يېڭىچە بىر يول ئىزدەشكە يۈزلەندۈردى، مۇشۇنداق دېسەك توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: توغرا بولىدۇ. تۈرمىدە يېڭى بىر ئىدىيە، يېڭى بىر يول تاپتىم.
سۇئال: بايرام تەشەببۇسۇڭلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدىن قوللاش بەكرەك كەلدى؟
جاۋاب: زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تور بەتچىلىرى ھەم ئەزالىرى.
سۇئال: ھۆكۈمەتتىن ئىنكاس قانداق بولدى؟
جاۋاب: بىز بۇ ئىشنى باشلىغان يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ كېتىپ، بىر يىلچە تورلار تاقالدى، ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلىشكە ئىمكانىمىز بولمىدى. كېيىنچە سانجى، ئاتۇش ۋە شايارلاردا بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە دېمەي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توردا ئۇچۇرلار تارقالدى. 2011-يىلى يەكەن ناھىيەسىدە «يەكەن بادام دوپپا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىز باشلىغان ھەرىكىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن بولغانلىقى ئېنىق. بەك داغدۇغىلىق بىر پائالىيەت بولدى. مېنىڭ تۈرمىگە كىرىپ چىققان تارىخىم بولغىنى ئۈچۈن، تەشكىللىگەنلەر مېنى تەكلىپ قىلماپتۇ، ئەمما كۆڭلۈمگە ئالماسلىقنى بىلدۈرۈپ خەۋەر يەتكۈزدى. توغرا چۈشەندىم، نېمە بولسا بولسۇن، دوپپا بايرىمى رەسمىيلىشىۋاتقان ئىدى.
سۇئال: مۇشۇ بايرامنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىسى بولغانلىقىڭىز سەۋەبلىك بېشىڭىزغا كەلگەن بىرەر ئاۋارىچىلىق بارمۇ؟
جاۋاب: ساقچىلارنىڭ كېلىپ سوراق قىلغان ۋاقتى بار، ئەمما قامىغان ياكى تۈرمىگە سولىغان ئىش يوق. بىر قېتىم بىر مەكتەپتە دوپپا بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا سۈركىلىش چىقىپتۇ، مېنى ساقچىلار شۇ مەكتەپكە بېرىپ شۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى. مەن ئۇنداق بىر سالاھىيىتىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ چىرايلىقچە رەت قىلدىم. ئارقىدىن ئۇلار دوپپا بايرىمىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈش پىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى سورىدى، «يوق» دەپ جاۋاب بەردىم.
سۇئال: 2017-يىلى چەت ئەلگە چىققان ۋاقتىڭىزدا دوپپا بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
جاۋاب: سۆيۈندۈم. بۇ ئىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا ماڭا ماددىي-مەنىۋى ياردەم بەرگەن، نۆۋەتتە بەزىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۈرمە-لاگېرلاردا يېتىۋاتقان سەپداشلىرىمنىڭ ئۈمىدىنىڭ يەردە قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.
