قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن
يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن.
ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ئايدا ”شاھىت بىز“ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى
ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ (Kubanychbek Omuraliev) بىلەن كۆرۈشتى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشكەن.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ، ترانسپورت ۋە ئالاقە، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ يەنە ترانس-كاسپىي ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىغان تەرىپى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپتىن كۆپرەك ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشى بولدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن تۈركىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك كەڭلىكتە سىياسىي مەيدان يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مېركامىل قەشقەرلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئارفىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە نۇپۇزىنى نامايان قىلغان.
ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ دۆلەت سىرتىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ئىشلىرى بارلىقى بايقالسا، چېگرادىن چىقىدىغانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرىكەتلىرى بارلىقى سېزىلسە، مەزكۇر شەخسنىڭ چېگرادىن كىرىشى ياكى چىقىشىنى توختىتىش، پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، بەلگىلىك مۇددەت كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي 2023-يىلدىن باشلاپ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى تەەسۋۇرىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ۋە مۇئەتتەر ئېلقۇت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتتا، مەزكۇر ئاتالمىش نورماللىشىشنىڭ ساحتلىقى پاش قىلىنغان. دوكلاتتا، چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارغا نازارەت، تەھدىت ۋە تەشۋىقاتچىلىققا سېلىشنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن.
ئۆتكەن ھەپتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ھەققىدە ماقاله ئېلان قىلغان تەجرىبىلىك پائالىيەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېڭى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پەقەت مەۋجۇت چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلارنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشقا يول ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۈگۈن يېڭى چېگرا بەلگىلىمىسى ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا زوراۋانلىقىنىڭ مۇستەملىكە باشلانغاندىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، پەقەت چەكلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈنلا بۇ خىل يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى ئۇيغۇر مۇخبىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ سابىق مۇخبىرى قاسىمجان قەشقىرى بىلەن رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا تېكساس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات ژۇرنالىزم ۋە ئاممىۋى ئالاقە جەمئىيىتى تەرىپىدىن 5-ئاۋغۇست بىلەن 8-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا ئارىزونا شتاتىنىڭ نېۋ ئورلېئانس (New Orleans) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 109-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا تەقدىم قىلىندى.
مەزكۇر مۇكاپات ژۇرنالىزم كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن باشقا، بۇ ساهەدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئاخباراتچىلارغا بېرىلىدۇ.
بۇ مۇكاپات ئالدىنقى يىللاردا كامېرۇن، كۇبا، برۇندى، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بېسىمىغا قارىماي ھەقىقەتنى يورۇتقان ژۇرنالىستلارغا بېرىلگەن ئىدى.
ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا
4-ئاۋغۇست، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى (عالمي مجتمعات مسلمة) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە «2026-يىللىق خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈش» تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا، چەت ئەللىك مېھمانلار ”شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ كۆرگەزمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.
ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستلاردا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى تازىلاشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.»
جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى بويىچە ئىمبارگو يۈرگۈزىلىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئىتتىپاقى (WRC)ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى CEUFL)) باياناتچىسى جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
جەۋھەر ئىلھام بۇ تىزىملىكنىڭ كېڭىيىشى پەقەت بىر سودا چەكلىمىسىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى، دېدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر چەكلەنگەن ماللارنىڭ باشقا يوللار بىلەن ئايلىنىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە كىرگۈزۈلگەن مال ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
5-ئاۋغۇست خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 43 خىتاي شىركىتىگە قويغان ئىمبارگوسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇنسىز جازالىرىغا ياردەملەشكەن ۋە مەدەت بەرگەن» دەپ ئەيىپلىگەن ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلار قوللىنىلىشچان DNA ئىلىم-پەن شىركىتى (Applied DNA)، ستراتۇم سۇ ئامبىرى چەكلىك شىركىتى (Stratum)، ئالتانا تېخنىكا شىركىتى (Altana Technologies)، مەسئۇلىيەتچان سودا ئىتتىپاقى (RBA)، ۋېرىتې گۇرۇھى (Verite Group, Inc) خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (HRIC) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خىتاي تەرەپنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 2026-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئىچىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ ئالتە ئورۇن بىلەن سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى تولۇق مەنئى قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كەسكىن ئىنكار قىلىشىغا قارىتا جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرلارغا قارشى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.“
جەۋھەر ئىلھام يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئوخشاش بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى قانۇنلىرىنى چىقىرىشقا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداشقا چاقىردى.
پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى
ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق نىڭ «خىتايدا باشقىلار: باشقۇرۇش ۋە خىتايچە ئاسسىمىلياتسىيە» (Others in China: Governing, Assimilation with Chinese Characteristics) ناملىق يېڭى ئىلمىي ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكادېمىك نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان «پالگرەۋ ماكمىللان» (Palgrave Macmillan / Springer) نەشرىياتى تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنجى ئاكادېمىك كىتابىدۇر.
بۇ كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئېتنىك سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان تارىخىي ھەم ھازىرقى زامان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە بېسىۋالغان رايونلاردىكى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئاپتور خىتاينىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ خىتاي مەدەنىيەت مەپكۇرىسى بىلەن زامانىۋى ماركسىزم ۋە مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىيىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى (Case Study) قىلىپ ئېلىنغان.
كۆكتۈرك دەۋرىدىن قالغان خىتاينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي ئەنئەنىسىنى يازما، ئاكادېمىك سىستېمىغا سالغان ئاساستا، خەلقئارالىق پەن ئۆلچىمى ۋە خەلقئارالىق تىلدا تەقدىم قىلىشنى بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان ئاپتور بۇ كىتابتا 30 يىلغا يېقىن كۆزىتىش، ئىزچىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھەر خىل مىللەتلەر رايونلارىدىكى ئۇزۇن يىللىق سوتسىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جۇغلانمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق 2002-يىلى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى خىزمىتىدىن ئستىپا بېرىپ ئاكادېمىك ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئېتنىك سوتسىئولوگىيە، ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا، كىتاب بابلىرى ۋە 6 پارچە مۇستەقىل كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى» (Journal of East Asian Studies in Türkiye) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى.
