ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ (Kubanychbek Omuraliev) بىلەن كۆرۈشتى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشكەن.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ، ترانسپورت ۋە ئالاقە، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ يەنە ترانس-كاسپىي ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىغان تەرىپى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپتىن كۆپرەك ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشى بولدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن تۈركىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك كەڭلىكتە سىياسىي مەيدان يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مېركامىل قەشقەرلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئارفىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە نۇپۇزىنى نامايان قىلغان.
