ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھالەتتە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

4-ئاۋغۇست، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى (عالمي مجتمعات مسلمة) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە «2026-يىللىق خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈش» تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا، چەت ئەللىك مېھمانلار ”شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ كۆرگەزمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستلاردا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى تازىلاشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.»