ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 8-ماي)

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزى تەسىر قوزغىدى. لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» ناملىق سەنئەت تۈرىدە نامايەن بولدى. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا سوتىغا سىسكو دېلوسى ھەققىدە بايانات سۇندى. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. قاماقخانىدا تۈزۈلگەن پىلان: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا، دوپپا كىيگەن رەسىملىرىنى چىقىرىش ۋە دوپپا ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش يولى بىلەن 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېتىدە، قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشچىلىقىدا، قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ھەيئەتلىرىنىڭ دوپپا كىيگەن سۈرىتى چىقىرىلدى ۋە دوپپا بايرىمى تەبرىكى بايان قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 8-ماي) (RFA Uyghur)

«ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت دوپپا بايرىمى تەبرىك سۆزىدە: «دوپپا باش كىيىمىمىزلا ئەمەس، كىملىكىمىزنىڭ تاجىدۇر، دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا قارىتا ئىسيانىمىزدۇر» دېدى.

«ئۇيغۇر پوچتىسى» ئېلان قىلغان بىر دوپپا ھەققىدىكى قىسقا فىلىمدا، دوپپىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، سەنئىتى، ئىلىم-مەدەنىيىتى ۋە مىللىي خاراكتېرى بىلەن باغلىنىشى تۈركچە يۈكسەك بىر ئەدەبىي تىلدا بايان قىلىندى. بۇ فىلىمدىمۇ دوپپا مىڭ يىللىق بىر مەدەنىيەتنىڭ قورغىنى، بايرىقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتقا قارىتا پوزىتسىيەسى، دۇچ كەلگەن ھەقسىزلىككە قارىتا ئىسيانىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى. دوپپىنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا كىيىلىپ، ئۇيغۇن بولمىغان چاغدا قاتلىنىپ يانچۇققا سېلىنىشى، يانچۇقتىن چىقىرىلغاندا پېتى بۇزۇلماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ھاياتلاردا ئۆزىنى قوغداش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشىتىلدى.

دوپپا بايرىمى 2009-يىلى 5-ئايدا، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى تاھىر ئىمنىڭ تەشەببۇسى، بىر قىسىم دوستلىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، كارخانىچىلارنىڭ قوللىشى ۋە مۇزاكىرىسى بىلەن لايىھەلىنىپ، بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەشنى ئەل-جامائەتكە تەۋسىيە قىلغان. بۇ تەۋسىيە شۇ چاغدىكى تورلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىن ئامما ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان؛ كېيىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ بايرامنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە مىللىي تۈس ۋە خاراكتېردىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلەنگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتمەكتە ۋە جانلاندۇرماقتا.

ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزى تەسىر قوزغىدى

ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت بۇ ھەپتە ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسىدا تەسىر پەيدا قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورلىرىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىپلوماتىيە تىلى سۈپىتىدە خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىدىن ئىپتىخار تۇيغۇلىرى بايان قىلىنسا، ئۆزبېكىستانلىقلار ئۇيغۇرچىنىڭ تەرجىمانسىز چۈشىنىلگەنلىكىگە ھەيرانلىق بىلدۈرۈشتى.

ئارفىيە ئابلەت ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن ياپونىيەدە كۆرۈشكەن چاغدىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان، ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ چىقىپ قارشى ئالغان ۋە كۈتۈۋېلىش زىياپەتلىرىدە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىغان ئىدى.

ئارفىيە ئابلەت بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، قازاقىستاننىڭ «كازمۇنايگاز» (KazMunayGaz) شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەسقەت ھاسېنوف بىلەن كۆرۈشۈپ، قازاقىستان نېفىتىنى ياپونىيەگە توشۇش پىلانى ئۈستىدە سۆزلەشكەن. ئارفىيە زىيارىتىدە يەنە قازاقىستان تەرەپ بىلەن كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، مۇھىت ئاسراش ۋە زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئورتاق قوللىنىش تېمىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن.

قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە چۈشكەن تۈركچە ئىنكاسلاردا، ياپونىيەنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارىغاندا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىخەتەر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ياپونىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن.

لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

مۇشۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى. كۇرسانتلار ياۋروپانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە لوندون شەھىرىدىن بولۇپ 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 33 ئۆسمۈردىن تەشكىللەندى. ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە پەرزەنتلەرنىڭ كىملىكىنى، ئۇيغۇرلوق غۇرۇرىنى، مىللىي غايىسىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ھالدا، مەشرەپ، ئەدەبىيات، مۇزىكىدىن ساۋات بېرىلدى، رەختلەرگە ئۇيغۇرچە نۇسخا قوندۇرۇش، يەنى كەشتىچىلىك (سەرگەزچىلىك)مۇ ئۆگىتىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى دەرىسلەر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئىشتىراكىدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇريار تەشكىلاتى ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۇرستا ئابدۇۋېلى ئايۇپ، مىركامىل تۈركەل ۋە زۇلھايات ئۆتكۈرلەر دەرس سۆزلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى داستىخان سېلىپ، كۇرسنىڭ تەشكىللىگۈچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇزىتىش زىياپىتى بەردى.

ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

30-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتى كۈچلۈك بىر قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ يېقىندا تەستىقلىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا بولغان جىددىي ئەندىشىسىنى ۋە كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

قاراردا، خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىملىكىنى يوقىتىشنى، خىتاي تىلى ۋە ئىدىئولوگىيەسىنى مەجبۇرىي تېڭىشنى مەقسەت قىلغان «ئاسسىمىلياتسىيە قورالى» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ قانۇننىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلارنىڭ ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان خەتەرگە ئالاھىدە تىلغا ئالدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

قاراردا يەنە، ئىلھام توختى قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىنىپ، ياۋروپا كېڭىشىدىن مەزكۇر قانۇننى تۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تەلەپ قىلىندى.

شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن باشلىق بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا شاھىد بولدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مەسئۇلى بېرناردو كايسېر نەق مەيداندا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەتىسى، خىتاينىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايانتچسىسى سۆز قىلىپ، بۇ قارارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ياۋرۇپا پارلامنېتى بىلەن قاتتىق دېيىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» ناملىق سەنئەت تۈرىدە نامايەن بولدى

يېقىندا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مودا كېيىم لايىھىلىگۈچىسى داشا پومېرانز (Dasha Pomeranz) باشلىغان «كۆچمەنلىك يىپلىرى» (The Threads of Migration) ناملىق تۈر توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سۆھبەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىي ئايال ئېللا كوگان، لاگىر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە قەشقەرى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەۋر ۋە جۇغراپىيەدىكى زۇلۇم ۋە سۈرگۈنلۈك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ خىتاي لاگىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى، سۈرەييە قەشقەرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق كۆرەش قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

«كۆچمەنلىك يىپلىرى» ژۇرنالىزم، مودا كېيىم ۋە سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى كۆچمەن ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈر بولۇپ، داشا پومېرانز مەزكۇر تۈرنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بىلەن سۈرەييا قەشقەرىنىڭ كىملىكى، مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىن كۈنلىرىنى مەخسۇس لايىھىلەنگەن سەنئەتلىك يوپكىلارغا سىڭدۈرگەن. بۇ يوپكىلارنىڭ بەزىلىرىگە لاگىردىكى ئاياللارنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولسا، بەزىلىرىگە ئانا تىل ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە شېئىرىي مىسرالار كەشتىلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بۇ يوپكىلار ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭ، يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ، ھەتتا داڭلىق چولپان ۋە ئارتىستلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مەزكۇر تۈرنىڭ مەسئۇلى داشا پومېرانز نيۇ-يوركتا پائالىيەت قىلىۋاتقان تونۇلغان كىيىم-كېچەك لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى لوندون خان جەمەتى ئوپېرا تىياتىرىدا ئىشلىگەن، ئەسەرلىرى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. داشا ئۆزىنىڭ كۆپ دۆلەتكە چېتىلىدىغان كۆچمەنلىك ھاياتىدىن ئىلھام ئېلىپ، 2023-يىلى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» دېگەن بۇ تۈرىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ تۈر كىيىم-كېچەكنى پەقەت بىر كۈندىلىك بۇيۇم ياكى ئۆزگىرىشچان مودىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنى ساقلايدىغان ھۆججەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ، سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ئالىي سوتىغا سىسكو دېلوسى ھەققىدە باياننامە سۇندى

28-ئاپرېل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (Uyghur Human Rights Project ) خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى (Human Rights in China)، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سودا قىلماسلىق (No Business with Genocide) قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە پىكىر باياننامىسى سۇنۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سىسكو سىستېمىسى (Cisco Systems) نىڭ خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزىمگە يانتاياق بولغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىي سوتىدا قاراپ چىقىلىۋاتقان بۇ دېلو ئەسلىدە 2011-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، بىر قىسىم فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى سىسكو سىستېمىسىنى ئۇنىڭ خىتاينىڭ «ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى» ناملىق تور نازارەت سىستېمىسىنى لايىھەلەشكە قاتناشقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن. دەۋاگەرلەر بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش ۋە باستۇرۇشىغا ماسلاشتۇرۇلغان مەخسۇس تېخنىكىلىق قوراللارنى لايىھەلەپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دەۋاگەرلەر بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە قىيىن-قىستاقلارنى ئالدىن بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ھەمكارلاشقانلىقى نى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىسكو شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ پەقەت ئادەتتىكى تور ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، سوتتا نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنى ئاقلاپ كەلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات باياننامىدە: ”خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن تېخنىكا شىركەتلىرى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلماسلىقى كېرەك“ دەپ كۆرسەتتى.

بۇ سوتنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېخنىكا سودىسىدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىش-تارتىلماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

”ھىمايىچىلارنى قوغدىغۇچىلار“ (Safeguard Defenders) تەشكىلاتىنىڭ 1-ماي خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى يىغىنى بولغان ھەق-ھوقۇق قۇرۇلتىي 2026 (RightsCon 2026) زامبىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاخىرقى مىنۇتتا تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەسلىدە بۈگۈن، يەنى 5-ماي لۇساكادا باشلىنىدىغان بۇ زور كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمى سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ”ئەكسەس نەۋ“ (Access Now) تەشكىلاتىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى تەيۋەنلىك ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، زامبىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. زامبىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپتە «مەمۇرىي ۋە بىخەتەرلىك» سەۋەبلەرنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ قارارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان زالنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «پۈتۈنلەي شەرتسىز» دەپ سوغا قىلىنغان ياردەم مەبلىغى بىلەن رېمونت قىلىنغانلىقى خىتاينىڭ يەرلىك سىياسەتكە ئارىلىشىشىدىكى مۇھىم تۇتقا بولغان.

بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆزى تەرغىب قىلىۋاتقان «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارالاشماسلىق» شوئارىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى زامبىيەنىڭ خىتايغا بۇ دەرىجىدە بويۇن ئىگىشىنى سۆز ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر زەربە دەپ ئەيىبلىمەكتە. ”ھىمايىچىلارنى قوغدىغۇچىلار“ تەشكىلاتى خىتاي مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى زامبىيەگە بارماسلىققا چاقىردى. چۈنكى زامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بۇ دەرىجىدە يان بېسىشى ئۇ يەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

قاماقخانىدا تۈزۈلگەن پىلان: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى

(بۇ تېمىدا ئاكتىپ پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ قىسقارتىلمىسى)

سۇئال: ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى پىلانى قاچان، قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

جاۋاب: ئۈرۈمچىدە قاماقخانىدىكى مەزگىلىمدە خىيالىمغا كەلگەن ئىدى. 2007-يىلى قاماقخانىدىن چىقىپ، بۇ ئوي-خىيالىمنى بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋە زىيالىيلار بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2009-يىلى 5-ئايدا تۇنجى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق.

سۇئال: دېمەك، پىلان قاماقخانىدا ئېسىڭىزگە كەپتۇ. شۇ قاماقخانىنىڭ ئىچىدە بۇ پىلانىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر ئىش، بىر ھادىسە بارمۇ؟

جاۋاب: مەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات تورىغا ماقالا يازغىنىم ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان ئىدىم. خىتاينىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈۋېتىپ، جۇاڭزۇلارنىڭ «سۇ چېچىش بايرىمى» ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ قالدىم. شۇ زامان كاللامغا بىر ئوي كەلدى: «بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى قوزغىمايمىز؟» دەپ. چۈنكى مەدەنىيەتنى قوغداش ھەرىكىتىمىزنى بۇ ئۇسۇلدا ئېلىپ بارساق، ھۆكۈمەتمۇ بەك ئەندىشىگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، خەلقىمىزمۇ نىسبەتەن بىخەتەر ھالدا ھەرىكىتىمىزگە ماسلىشىپ ماڭالايدۇ.

سۇئال: دېمەك، قاماقخانا، قولىڭىزدىكى كويزا سىزنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش غايىڭىزدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى، ئىرادىڭىزنى تەۋرىتەلمىدى، ئەكسىچە يېڭىچە بىر يول ئىزدەشكە يۈزلەندۈردى، مۇشۇنداق دېسەك توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: توغرا بولىدۇ. تۈرمىدە يېڭى بىر ئىدىيە، يېڭى بىر يول تاپتىم.

سۇئال: بايرام تەشەببۇسۇڭلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدىن قوللاش بەكرەك كەلدى؟

جاۋاب: زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تور بەتچىلىرى ھەم ئەزالىرى.

سۇئال: ھۆكۈمەتتىن ئىنكاس قانداق بولدى؟

جاۋاب: بىز بۇ ئىشنى باشلىغان يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ كېتىپ، بىر يىلچە تورلار تاقالدى، ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلىشكە ئىمكانىمىز بولمىدى. كېيىنچە سانجى، ئاتۇش ۋە شايارلاردا بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە دېمەي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توردا ئۇچۇرلار تارقالدى. 2011-يىلى يەكەن ناھىيەسىدە «يەكەن بادام دوپپا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىز باشلىغان ھەرىكىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن بولغانلىقى ئېنىق. بەك داغدۇغىلىق بىر پائالىيەت بولدى. مېنىڭ تۈرمىگە كىرىپ چىققان تارىخىم بولغىنى ئۈچۈن، تەشكىللىگەنلەر مېنى تەكلىپ قىلماپتۇ، ئەمما كۆڭلۈمگە ئالماسلىقنى بىلدۈرۈپ خەۋەر يەتكۈزدى. توغرا چۈشەندىم، نېمە بولسا بولسۇن، دوپپا بايرىمى رەسمىيلىشىۋاتقان ئىدى.

سۇئال: مۇشۇ بايرامنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىسى بولغانلىقىڭىز سەۋەبلىك بېشىڭىزغا كەلگەن بىرەر ئاۋارىچىلىق بارمۇ؟

جاۋاب: ساقچىلارنىڭ كېلىپ سوراق قىلغان ۋاقتى بار، ئەمما قامىغان ياكى تۈرمىگە سولىغان ئىش يوق. بىر قېتىم بىر مەكتەپتە دوپپا بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا سۈركىلىش چىقىپتۇ، مېنى ساقچىلار شۇ مەكتەپكە بېرىپ شۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى. مەن ئۇنداق بىر سالاھىيىتىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ چىرايلىقچە رەت قىلدىم. ئارقىدىن ئۇلار دوپپا بايرىمىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈش پىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى سورىدى، «يوق» دەپ جاۋاب بەردىم.

سۇئال: 2017-يىلى چەت ئەلگە چىققان ۋاقتىڭىزدا دوپپا بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟

جاۋاب: سۆيۈندۈم. بۇ ئىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا ماڭا ماددىي-مەنىۋى ياردەم بەرگەن، نۆۋەتتە بەزىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەردىن تۈرمە-لاگېرلاردا يېتىۋاتقان سەپداشلىرىمنىڭ ئۈمىدىنىڭ يەردە قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم.