ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت بۇ ھەپتە ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسىدا تەسىر پەيدا قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورلىرىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىپلوماتىيە تىلى سۈپىتىدە خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىدىن ئىپتىخار تۇيغۇلىرى بايان قىلىنسا، ئۆزبېكىستانلىقلار ئۇيغۇرچىنىڭ تەرجىمانسىز چۈشىنىلگەنلىكىگە ھەيرانلىق بىلدۈرۈشتى.
ئارفىيە ئابلەت ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن ياپونىيەدە كۆرۈشكەن چاغدىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان، ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ چىقىپ قارشى ئالغان ۋە كۈتۈۋېلىش زىياپەتلىرىدە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىغان ئىدى.
ئارفىيە ئابلەت بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، قازاقىستاننىڭ «كازمۇنايگاز» (KazMunayGaz) شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەسقەت ھاسېنوف بىلەن كۆرۈشۈپ، قازاقىستان نېفىتىنى ياپونىيەگە توشۇش پىلانى ئۈستىدە سۆزلەشكەن. ئارفىيە زىيارىتىدە يەنە قازاقىستان تەرەپ بىلەن كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، مۇھىت ئاسراش ۋە زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئورتاق قوللىنىش تېمىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن.
قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە چۈشكەن تۈركچە ئىنكاسلاردا، ياپونىيەنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارىغاندا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىخەتەر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ياپونىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن.
