رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى گۈلچېھرە غوجانىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا. گۈلچېھرەنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى، ئۆزىنىڭ كەچمىشى ئاساسىدا يېزىلغان «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش، كىتابخان ۋە ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تۈرك خەلقىگە چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان؛ پائالىيەتلىرى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات زىيارىتى قوبۇل قىلىش، مۇھىم سىياسىي ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىش شەكلىدە داۋام قىلماقتا.
ئۇنىڭ بۇ پائالىيىتى 22-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا باشلاندى، ئۇنىڭدىن كېيىن كونيا ۋە ئەنقەرەلەردە داۋام قىلدى. ئۇ زىيارىتىنىڭ ئەنقەرە بېكىتىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن 8 مىللەت ۋەكىلى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. گۈلچېھرەنىڭ بۇ پائالىيىتى تۈركىيەدىكى رەھمەت تامچىسى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە ئاخبارات جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسئۇل خادىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، گۈلچېھرەنىڭ جانلىق ھايات كەچمىشى، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى تۆھپىلىرى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ۋە كۆرۈشكەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
گۈلچېھرەنىڭ پائالىيىتى ھەققىدىكى ئېلانلاردا، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن 20 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغاندىمۇ خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى پاش قىلىشتىن توختىمىغانلىقى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باش ياغلىقنى كونىلىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان يىللاردا، ئۇنىڭ ئېكرانغا باش ياغلىق بىلەن چىقىپ، مىللىي مەدەنىيەتكە ساھىب چىقىش جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى ۋە ئۇيغۇر ئاخبارات تارىخىدىكى تۇنجى باش ياغلىقلىق رىياسەتچى دەپ تەرىپلەندى. مەلۇم بولۇشىچە، گۈلچېھرەنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئىستانبۇلدا ئاخىرلىشىدۇ، ئاخىرقى پائالىيەتلەردىن بىرى تونۇلغان ژۇرنالىست تاھا كىۋانچ بىلەن تاكسىم مەيدانىدا بىر مەسچىتتە سۆھبەت شەكلىدە داۋام قىلىدۇ.
گۈلچېھرە 1990-يىللاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ بالىلار پروگرامما رىياسەتچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ شۇ يىللاردىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئورۇن ئالغان. ئۇ 2000-يىللاردىن باشلاپ رادىيومىزدا مۇخبىرلىق قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى رادىيودا ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئۆزى يازغان بىئوگرافىك كىتابىنى تونۇشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتى، ئەنە شۇ ئەمگەكلىرىدىن بىر پارچىدۇر.
