يېقىندا دۇيىن (Douyin) دا تارقالغان بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا نۆۋەتتە پىنسىيەگە چىقىپ بولغان رەھبەرلەرنىڭ ئىلگىرى سادىر قىلغان مەسىلىلىرىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى تىرىكلا بولسا سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇش گەرچە دۆلەت مىقياسىغا قارىتا چىقىرىلغان ۋە پەقەت چىرىكلىك توغرىسىدا دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنغاندا، ھەرىكەتنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە قوزغىماقتا.
قەشقەر پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچىخانا خادىمى مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ «خۇيتوۋكەن» (ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش) نامىدا باشلىنىپ بولغانلىقى ۋە ئۆمەر ئابلىز ئىسىملىك بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن ئۆمەر ئابلىز 1980-يىللاردا ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە، تەۋەلىكىدىن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان بىرنەچچە كىشىنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاينىڭ مەسىلىلەرنى ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنىنىڭ 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا بىر قېتىم ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ماھىيەتتە قىلچە چېكىنىش بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى
2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئاھالىلەر 10-20 يىل بۇرۇن قىلغان ئىبادەتلىرى، يازغۇچى-شائىرلار بولسا، بىرنەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى كىتاب-ماقالىلىرى سەۋەبلىك 10 نەچچە يىللاپ كېسىلگەن ئىدى.
