تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈزەلنۇر خانىم سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئەمما ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ مېيىپ سىڭلىسى گۈلجەننەت كامىلنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئائىلە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىندۇر. ئۇ ئۆزى مەزكۇر دولقۇن سەۋەبلىك ۋەتەنگە قايتالمىغان، ئىككى سىڭلىسى ئوخشىمىغان مۇددەتتە لاگېر ۋە تۈرمىدە يېتىپ چىققان ۋە سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ گۈلجەننەت كامىل مېيىپ بولۇپ قالغان. گۈزەلنۇر ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ ئېغىر زەربىلەردىن كېيىن، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۈرۈمچىدىن مال ئەكىلىپ سېتىش بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان، ئەمما بۇ كىچىككىنە ھەرىكەتمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە زەربىسىدىن ساقلىنالمىغان. مەزكۇر سودا ئالاقىسى سەۋەبلىك گۈزەلنۇرنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما گۈزەلنۇر ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپالمىغان.
بىز گۈزەلنۇرنىڭ ئاجىز سىڭلىسى گۈلجەننەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئىدارە ئەھۋالدىن خەۋەر بېرەلمىدى. بىز ئارقىدىن نەنجىياۋ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، خادىملار گۈلجەننەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئاخىرى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇ دېلوغا ئارىلىشمىغانلىقى، ئەمما گۈلجەننەتنىڭ تۇتۇلۇشىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۈلجەننەت يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا، تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدا دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ گۈلجەننەتنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلار»دىن ئىكەنلىكى، شۇڭا گۈلجەننەتنىڭ ھەدىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۈلجەننەت كامىل نۆۋەتتە تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا تۇتقۇندا ئىكەن، ئەمما ئۇ گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسى ۋە يەنە بىر سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرەلمىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ دېلو ئارقىلىق خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا بازارغا سېلىشقا تىرىشىۋاتقان «ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقات-تەرغىباتلارنىڭ ساختىلىقى يەنە بىر رەت ئايدىڭلاشتى.
