ئارسلان ھىدايەت: خەلقئارا چەكلىمىلەر ئاجىز، خىتاي ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ

ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، دۆلەت ئىچىدە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ چەتئەللەردىمۇ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، دۆلەت ئىچىدە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ چەتئەللەردىمۇ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جاۋاب كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققەت ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.

ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تارمىقىنىڭ يىتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، خىتايدىكى بۇ ھەددىنى بىلمەسلىكنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قارىتا چەكلىمىلىرىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دېگەنلىرى مەنتىقسىز بولسىمۇ، ئەمما خەۋپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ بىر ماددىسىدا بۇ قانۇننىڭ چەتئەللەردىمۇ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ماددىنى بىر سىمۋوللۇق ماددا دەپ قاراپ كەلگەن ئاخباراتچىلار، جۈملىدىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي مىنىستىردىن مەزكۇر ماددىنى سورىغىنىدا، خىتاي مىنىستىر خىتاينىڭ بۇ ماددىنى چەتئەللەردىمۇ ئىجرا قىلىش ھەققى بارلىقى ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قويغان.

ئارسلان باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ئىجرااتلىرىنى دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدە يولغا قويالىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە، جۈملىدىن تۈركىيەدە ئىجرا قىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۈركىيەدە قاماقتا تۇتۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، خىتاينىڭ بۇ تۈرلۈك زورۋانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆز تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەردە قانۇنىي جەھەتتىن يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارسلان باياناتىنىڭ ئاخىرىدا غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى چەكلىمە تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق بولمايۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن جاسارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.