بەلەدىيە باشلىقى: خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشتىم، ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىدىم

رايون باشلىقى كامال چەبى ئەپەندى بۇ تەلەپكە بىنائەن نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئالدىنقى ئايدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى كونسۇلخانا تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا مەيلى ئاخبارات، مەيلى بەلەدىيە تور بېتىدە ئېلان قىلىنمىغان بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 22-ئىيۇن كۈنى كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر سۆھبەتكە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا، تەشكىلات باشلىقى مۇساجان ئەر، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئالىمجان بۇغدا ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، كۆپ نوپۇسلۇق بىر ئەسىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىن بىرنەچچە ئون كىشى جازا لاگېرلىرىدا جازا ئۆتەۋاتقان بۇ كۈنلەردە، رايون باشلىقىدىن خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ھەم ئەخلاقىي نۇقتىدىن دۇرۇس ئەمەسلىكى، ھەم كۈچۈكچەكمەجىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئەندىشىلىنەرلىك بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نامايىشچىلار يەنە رايون باشلىقىدىن خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

رايون باشلىقى كامال چەبى ئەپەندى بۇ تەلەپكە بىنائەن نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان سۆھبىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىغانلىقى ۋە ھەرقانداق كېلىشىم تۈزۈلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. رايون باشلىقى يەنە ئۆزىنىڭ كۈچۈكچەكمەجىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەرۋاقىت ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكى، بەزىدە ئۇيغۇر مەسچىتىگە كىرىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە زۆرۈر تېپىلسا، خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە بىر يازمىچە ئىزاھات باياناتى ئېلان قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتتى.