5-ماي، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى (ETGE) بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى (ETNM) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالاھىدە كومىتېتىغا (C-24) ئىلتىماس سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە شەرقىي تۈركىستاننى ”ئۆزىنى ئىدارە قىلىشتىن مەھرۇم قالغان تېررىتورىيە“ Non-Self-Governing Territory سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا «مۇستەملىكىچى كۈچ» سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي خەلقئارالىق جەڭ ئېلان قىلىنىشى دېيىلدى. ئىلتىماستا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ۋە يەرلىك تۈركىي خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئىشغال قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىلتىماستا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىلغا قەدەم قويغانلىقى، تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماش، ئورگان ئەتكەسچىلىكى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنداقلا يەنە، يېقىندا تەستىقلانغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى قانۇنىيلاشتۇرغانلىقى ئەيىپلەندى.
ئىلتىماستا، سۈرگۈن ھۆكۈمەت ب د ت دىن خىتاينى ”ئىشغالىيەتچى كۈچ“ دەپ بېكىتىشىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتە توختىلىپ: ”80 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش رامكىسى ئارقىلىق ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ب د ت ئالدىدا شۇ ئوخشاش ھوقۇقىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى» دېدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى سالىھ خۇدايار مۇنداق دېدى: ”نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يىلتىزى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقىدا. مۇستەملىكىچىلىككە خاتىمە بېرىش ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك يولىدۇر.“
