رەيھان ئەسەت پىرېزىدېنت تىرامپنى تۈرمىدىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا دونالد ترامپنى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشقا ھەمدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى رەيھان ئەسەت «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا ئۇكىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر كارخانىچى، ”باغداش تورى“نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا تولۇق 10 يىل بولدى. رەيھان ئەسەت ئۇكىسىنىڭ بىر ئۆكتىچى ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشقا تىرىشقان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇنى پەقەت بىر سىياسىي دەسمائە سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئىلگىرى رۇسىيە، بېلورۇسىيە ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى مەھبۇسلارنى قۇتقۇزۇشتا كۆرسەتكەن ئۈنۈملۈك سۆزلىشىش كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئەكبەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ شەرتى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوبزوردا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پروگراممىلىرىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، تىرامپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك بايدىن ھۆكۈمىتى قىلالمىغان بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىردىنبىر شەخس ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.