ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئىشتاتىنىڭ بىلۇمىڭتون (Bloomington) شەھىرىدە ماركو پولو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كارۋان سارايى بەرپا قىلىنماقتا. كارخانىچى غەيرەتجان روزى تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان بۇ ساراي 86 مو كۆلەمدە بولۇپ، ساراي قۇرۇلۇش پىلانى مېھمانخانا، مۇراسىم زالى، رېستوران، كۆرگەزمىخانا ۋە سەيلىگاھ قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورمانلىق ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بۇ ئورۇن بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ %35 ى پۈتۈپ بولغان ۋە بىر قىسىم پائالىيەتلەرگە سەھنە بولغان.
غەيرەتجان روزى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە كارۋان سارايىنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈمىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، كۆرگەزمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىتاب، رەسىم ۋە بۇيۇملار بىلەن تولدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئەل-جامائەتنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆرگەزمە قىممىتى بولغان ھەرقانداق مەدەنىيەت بۇيۇم ۋە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
غەيرەتجان روزىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ كارۋان ساراي قۇرۇش خىيالىغا بىلۇمىڭتوندا مەۋجۇت بولغان تىبەت-موڭغۇل مەدەنىيەت سارىيىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەزىبىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ تونۇلۇشىدا ئويناۋاتقان رولى تەسىر قىلغان. غەيرەتجان يەنە نۆۋەتتە جاپالىق ۋە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە بىر ئارامگاھ تەقدىم قىلىش ئارزۇسىمۇ بارلىقىنى، بۇ ئارزۇسىنى مانا مۇشۇ كارۋان ساراي ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
غەيرەتجان روزى بۇ ساراينى سېلىشتىن ئالدىدا، يەنى 2020-يىلى بۇ جايدا ماركو پولو ياۋرو-ئاسىيا تائاملىرى رېستورانىنى ئاچقان. بۇ رېستوران قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازار تېپىپ، بىر قېتىملىق رېستوران باھالاشتا ئىندىئانادىكى 300 نەچچە رېستوران ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى 3 رېستوراننىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بۇ كارۋان سارايىنىڭ ئەنە شۇ رېستوران تىجارىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان غەيرەتجان روزى، بۇ ساراي ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت، مەنىۋى ئۈنۈم ۋە سىياسىي تەسىر ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ بۇ ساراي ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەمگىكى -چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر - ھەقسىز كۈتۈۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
