قانۇنسىز دۇمباقچىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي شەھەر باشلىقىنى تەختىدىن يىقىتتى

ئۇ ھەتتا بىر قېتىمدا بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ يازغان ماقالىسىنى ئەينەن باسقان.

لوس ئانجېلىستىكى ئاركادىيە (Arcadia) شەھىرىنىڭ خىتاي پۇشتىدىن بولغان شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئايلىن (Eileen Wang) قانۇنسىز ھالدا خىتاينىڭ دۇمباقچىلىقىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ ئايلىن 2022-يىلى ئاركادىيە شەھەر مەجلىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش قائىدىسى بويىچە بۇ يىل 2-ئايدا شەھەر باشلىقلىق ئورنىغا يۈكسەلگەن. ئۇ بۇ يۈكسىلىشلەردىن ئاۋۋال، يەنى 2020 ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان ۋە ئوقۇرمەنلىرى خىتاي ئامېرىكىلىقلاردىن تەشكىللەنگەن «ئامېرىكا خەۋەر مەركىزى» تورىنى باشقۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا مەزكۇر خەۋەر تورىغا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى زاكاز قىلغان خەۋەر-ماقالىلەرنى باسقان ۋە خىتاي تەرەپكە توردىكى خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ھەققىدە دوكلات قىلىپ تۇرغان؛ ھەتتا بىر قېتىمدا بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ يازغان ماقالىسىنى ئەينەن باسقان.

ئامېرىكىنىڭ «چەت ئەل ۋەكىللىرىنى تىزىملىتىش قانۇنى» ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىكنىڭ چېكىنى بىلمىگەنلەرگە ھەددىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە ئامېرىكىدا چەت ئەل مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار چوقۇم ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆزىنى تىزىملىتىشى كېرەك.

ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تور بەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن يەنە بىرى، خىتاي پۇشتىدىن بولغان ياۋ نىڭ (Yaw Ning) 2024-يىلى قانۇنسىز ۋەكىللىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 4 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان. قانۇن ئورگانلىرى ياۋ نىڭنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئايلىننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى، جۈملىدىن يېزىشقان خەت ۋە قىلغان دوكلاتلىرىنى بايقىغان ۋە سوتقا تارتقان. ۋاڭ 11-ماي كۈنى سوتتا جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە، شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قانۇنىدا تىزىملاتماي، يەنى ئۆزىنى مەلۇم قىلماي تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ سىياسەت، ئاخبارات ۋە لوبىيىچىلىق ساھەلىرىدە باشقا دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنى دۇمباقچىلىق قىلسا «قانۇنسىز ۋەكىل» دەپ ئەيىبلىنىدۇ؛ ئەگەر ھەربىي ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىسا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئاخباراتلاردا ۋاڭ ئايلىنغا قانۇنسىز ۋەكىللىك جىنايىتى ئۈچۈن كۆپ بولغاندا 10 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.