ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 – 11 – نويابىر)


2006.11.10

رابىيە قادىر نورۋىگىيە زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قايتتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ 28 - ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان بۇ سەپىرى ئاساسلىقى رافتو فوندى جەمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ جەرياندا سىياسەت، كىشىلىك ھوقۇقى، ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەر بىلەن بىر قاتار ئۇچرۇشۇشلارنى ئېلىپ باردى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. نورۋىگىيە مەتبۇئاتلىرى رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كوپ ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينالدى

سىياسىي تۇتقۇن مۇھەممەد توختى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى

پاكىستاندىكى ئىسلام ئاباد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى مەتروزى 2003 ‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 16‏ - كۈنى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي سوت دائىرىلىرى ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، لېكىن يەقىندا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مۇھەممەت توختى تۈرمىدە قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى باسماس بولۇپ قالغان.

كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتى ھەققىدە خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى پەقەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا چوڭ يوقىتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى شۋېتسىيە ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. ئۇنى تونۇيدىغان، ئۇنىڭ مۇزىكىسىغا ھېرىسمەن شىۋېد خەلقى شۋېتسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر خىل تەزىيەنامىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بىر قاتار ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.

قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇن كۈنىگە ئىگە بولدى

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى نەتىجىسىدە 9- نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ يېڭى ئاساسىي قانۇننى رەسمىي تەستىقلىدى. قىرغىزىستان ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 10 نەچچە سائەت تەنەپپۇس قىلماي تالاش-تارتىش قىلىشلىرى نەتىجىسىدە بىردەك بېكىتىلگەن مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ تەستىقلىنىشىنى قىرغىزىستان خەلقى ۋە ئۆكتىچىلىرى زور غەلىبە دەپ ھېسابلىدى . شۇنىڭدەك قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 9-نويابىر كۈنىنى ئاساسىي قانۇن كۈنى دەپ بېكىتىپ بايرام قىلىشنى قارار قىلدى. بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئاساسىي قانۇن بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ مۇراسىمغا تەخمىنەن 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

"قاراجۇلدىكى جەڭ" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

1960-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرگە قاتناشقان، ھازىر شىۋىتسىيىدە ياشايدىغان ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ "قاراجۇلدىكى جەڭ" ناملىق كىتابى ئىستامبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

256 بەتلىك بۇ كىتاپدا ئاخۇنوپ ۋە مىجىت قوماندانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم شۇ 1969-يىلى 23-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭ بايان قىلىنىدۇ. كىتابنى نەشىر قىلغان ئىستامبۇلدىكى تەكلىماكان نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل فرادكوۋ، باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-10 –نويابىر كۈنلىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، 11-قەتىملىق ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى ئۇچرىشى ھەمدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەنر رۇسىيە يىلى پائالىيىتىنىڭ يې5پىلىش مۇراسىملىرىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي 17 خىل سودا-ئىقتىساد كېلىشىمىگە قول قويدى. 2006-يىللىق رۇسىيە-خىتاي سودىسى 30 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولسا، 2009-يىلى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشقا پۈتۈشۈلدى. . رۇسىيە خىتايغا بۇنىڭدىن كېيىن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تەمىنلەشكە رازىلىق بىلدۈردى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى قانچىلىك مەدھىيىلىگەن بىلەن بەرىبىر رۇسىيىلىكلەردىكى خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشى يەنىلا كۈچەيمەكتە.

خىتاي ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپەيتمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى، 2010 - يىلىغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق تەربىيىلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ سانىنى تېز ئاشۇرىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت كەلگۈسى پىلان يوشۇرۇنغان.

ئامېرىكىدىكى سايلامدا دېموكراتلار غەلىبە قىلدى

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سايلىمىدا، دېموكراتلار دۆلەت مەجلىسىدىكى ئورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى.

دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان نانسى پولۇسى مەجلىس باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، نانسى پولۇسى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەبىتلىك ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى بۇزغانلىق بىلەن شۇنىڭدەك تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە تىئانمەن ۋەقەسىگە ئائىت مەسىلىلىرىدە تەنقىد قىلغان ئىدى. نانسى پولۇسى رابىيە قادىر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇغان ئىكەن.

قازاقلار خىتاينى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىماقتا

خىتاي – قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى دەرىجىسىگە يەتتى. ئەمما، نۆۋەتتە قازاقىستان –خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسىمىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان نېفىت سودىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچۈيىۋاتقانلىقى، بىراق قازاقىستان سىياسەت قاتلىمىدا خىتاينى قازاقىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىد دەپ قاراش خائىشلىرىنىڭمۇ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ھەقتە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا بىر قانچە پارچە ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " خىتاي شىمالغا يۈرۈش قىلماقتا" ناملىق ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.