ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە)
2007.09.28
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي تەنقىد قىلىندى
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەشكىلاتى 25-سېنتەبىر كۈنى دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېما قىلغان "ئۆتكەلدىكى دۆلەتلەر" دېگەن ماۋزۇدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتتى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ " ئۆتكەلدىكى دۆلەتلەر" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتىدا دۇنيادىكى 60 دۆلەتنى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ رايى ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى قاتارلىق ساھەلەردە باھالاپ چىققان بولۇپ، خىتاي بۇ ساھەلەردە خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىدا باھالاندى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ئېقىپ كىرىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالغانلىقى شۇنىڭدەك بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن " ئىرقىي تازىلاش " دەپ تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئىجرا قىلمىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە 26- سېنتەبىر كۈنى، باش شتابى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جايلاشقان چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش تەشكىلاتى- خەلقئارا سۈزۈكلۈك تەشكىلاتى، 2007- يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرىكى دۆلەتلەرنى رەتكە تىزىپ ، خىتاينى چىرىكلىك كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نەتىجىدە خىتاي جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئاقسۇ ۋە كەلپىندە بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇتۇپ كېتىلدى
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە كەلپىن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە كەلپىن ناھىيىسىدە ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلا قولغا ئېلىشقا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتتە ئاقسۇدىكى بىر ئائىلىدىن نۇرئەلى ئابدۇۋەلى، شىرئەلى ئابدۇۋەلى ۋە ئەنۋەر ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئاكا-ئىنىلەر ھەمدە ئەنۋەر ئابدۇۋەلىنىڭ ئايالى خەيرىنىسا ۋە 5 ياشتىكى ئوغلى ئىليار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېقىن تونۇشلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئەمما، مەلۇم بولۇشىچە، خەيرىنىسا ۋە ئوغلى ئىليار 12 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇلارنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ساقچى تەرەپ رەسمىي ئۇچۇر تارقاتمىغان بولۇپ، ئەمما مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئاقتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم كىتابلارنى ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.
ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋالدى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر قانچە چوڭ دۇكانلاردىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، بولۇپ، يىغىۋېلىنغان ئويۇنچۇقلار خىتايدا ئىشلەنگەن ماشىنا ۋە پويىز قاتارلىق قوغۇشۇن مىقدارى ئامېرىكا ئىستېمالچىلار كومىتېتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ماتتېل شىركىتىمۇ زور مىقداردىكى ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالغان شۇنىڭدەك دۇنيا مىقياسىدا خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ۋە بەزى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.
يورۇڭقاش دەرياسىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى ئىزدەشكە قاتناشقان رۇسىيىلىكلەر دۆلىتىگە قايتتى
خەتەرلىك دەريا -ئېقىنلىرىدا يەل قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە رۇسىيىدە نامى چىققان ئالتە نەپەر ماھىرنىڭ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يورۇڭقاش دەرياسىدا قېيىقلىرى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان پاجىئەلىك ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي بىلەن رۇسىيە تەرەپنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئىزدەش ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى.
ئاخىرقى ھەپتىلەردە بۇ ئالتە كىشىنىڭ ئۈچىنىڭ ئۆلۈكى تېپىلىپ، ئىككىسى قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە -خىتاي ئىزدىگۈچىلىرى ئاخىرقى بىر ئادەمنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ ،نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن جۈمە كۈنى رۇسىيە تەرەپ ئۈچ جەسەت ، ئىككى نەپەر قۇتقۇزۇۋېلىنغان تەنھەرىكەتچىنى ئېلىپ موسكۋاغا قايتتى. ئەمما، خىتاي تەرەپ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نورۋىگىيىدىكى نوبېل سارىيىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللار كۆرگەزمىگە قويۇلدى
25 - سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سىياسىي تەقدىرى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋە مەشھۇر سىياسىي شەخسلەر تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە نوبېل سارىيىدا رەسمىي باشلانغان.
ئىگىلىشىمىزچە، نوبېل سارىيىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرىتى ۋە مەرھۇم كومپوزىتور ۋە سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۈسەننىڭ سۈرەتلىرى قويۇلدى. بۇ كۆرگەزمىنى نورۋېگىيىدىكى كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئەربابلار كۆرگەن.
بېرمىدىكى راھىبلار باستۇرۇشقا دۇچ كەلدى
بۇ ھەپتىدە باشلانغان بىرما راھىبلىرىنىڭ نامايىشلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، نامايىش قىلغان ئادەم سانى 50 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25 - سېنتەبىر كۈنى رانگۇن شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېرمىنىڭ رانگۇن شەھىرىدە دېموكراتىيە مارشى توۋلاپ نامايىشقا چىققان راھىب ۋە راھىبەلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا تاڭگوك قاتارلىق بىرنەچچە شەھەردىمۇ 40 مىڭغا يېقىن راھىب -راھىبە بىرلا ۋاقىتتا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. لېكىن ، 27-سېنتەبىر كۈنى بىرما ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، راھىبلارنى باستۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى كۈنسايىن كۆپەيگەن. بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باستۇرۇشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىرما ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
1988-يىلى، بىرما ھۆكۈمىتى دېموكراتىك نامايىشنى باستۇرۇپ 3000 ئادەمنى قىرغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 - سېنتەبىردىن 7 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)
- پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1 - ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)