ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - مارتتىن 14 - مارتقىچە)


2008.03.14

خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى ئەيىبلىشى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

3 - ئاينىڭ 7‏ - كۈنى يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزم بىلەن باغلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە تېشىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى شۇنىڭدەك د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تېررورىزم بىلەن قارىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورىزمدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

11 - مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىنگاڭ ئۆز باياناتىدا رابىيە قادىرنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ، "رابىيەگە ئوخشاش كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ" دېگەن.

بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار نەتىجىسىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىنكاسلار پەيدا بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوللاش ھەققىدە بىر مۇراجىئەتنامە تەييارلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 11 - مارت كۈنى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى، دوكلاتتا دۇنيادىكى 190 دىن ئارتۇق مەملىكەتتىكى ئىنسان ھوقۇقى ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچار پېتى تۇرغانلىقى پاكىتلار بىلەن بايان قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسىمى 139 بەتلىك بولۇپ بۇ قىسىمدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىگە باھا بېرىلگەن ھەمدە " خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خىتاي كومپارتىيىسى ئەڭ ھوقۇقلۇق پارتىيە" دەپ تەكىتلەنگەن.

ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە "ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى" نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرىزگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىدى

2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ10 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ھەم كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نورۋېگىيە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشنى نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم نورۋېگلار تەكلىپكە بىنائەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ لخاسادىكى نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ ئەۋجى ئالغان بولۇپ، 14 - مارت كۈنى لخاسادا كۆپ ساندىكى تىبەت راھىبلىرى ۋە ئامما نامايىش قىلغان، ئاخىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، مەلۇم ساندا ئادەملەر يارىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى تىبەتلەرنىڭ ۋەتەنگە قايتىش پائالىيەتلىرى ئەۋجى ئېلىپ، تىبەتلەر ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق چېگرىدىن ئەركىن كىرىش ئۇسۇلى بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

ھىندىستان خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن 100 دىن ئارتۇق تىبەتكە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان تىبەتلىكنى قولغا ئالغان. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.