كارزاي ئافغانىستان پرېزىدېنتلىكىكە سايلاندى
2004.11.03
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستان بىرلەشمە سايلام كومىتېتى چارشەنبە كۈنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى خەمىد كارزاينىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتلىكىكە رەسمىي سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كارزاي 55٪ ئاۋازغا ئېرىشىپ، قالغان 15 نەپەر نامزاتنى يەڭگىللىك بىلەن يېڭىۋالغان. بۇ خەۋەردىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانى ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلېر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى كارزاينى ۋە ئافغانىستاندىكى تۇنجى دىموكراتىك سايلامنى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىكلەشتى.
ئافغانىستاندا بىر ئاي بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان سايلام، كارزايدىن باشقا نامزاتلارنىڭ 40 نەچچە تۈرلۈك ئەرز سۇنىشى بىلەن سايلام نەتىجىسى كېچىكتۈرۈلۈپ، ھەتتا بۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئىدى.
بىرلەشمە سايلام كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە سايلامدا سۈيئىستىمال قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بۇ، سايلام ئومۇمىي نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن.
خەمىد كارزاي ئىلگىرى، بۇ قېتىملىق ئافغانسىتان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا غەلىبە قىلىشىنىڭ، تالىبانلارغا قىلىنغان بىر چوڭ زەربە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دەسلەپكى بىشارەتلەرگە قارىغاندا ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ غالىپى كارزاي
- ش ئا ئو ئە ت ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىدۇ
- ئافغانىستاندىكى گېنرال ئابدىرشىت دوستۇمنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت
- ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر ھەققىدە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافغانىستاندىكى سايلام يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرمەكتە
- ئافغانىستاندىكى سايلام تىنچلىق بىلەن ئاخىرلاشتى
- ئافغانىستان سايلىمى ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى
- سايلام ھارپىسىدىكى كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- ئافغانىستاندىكى سايلام ئەھۋالىدىن يېڭىلىقلار
- ئافغانىستانغا سايلام تەييارلىقلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا