تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2019.02.26
mewlut-chawushoghlu-bdt-uyghur-mesilisi.jpg ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 25-فېۋرال، جەنۋە.
REUTERS

25-فېۋرال كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىلغان سۆزى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن بۇ جاسارىتى نەچچە يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قوللىغۇچىلىرىنى خۇشال قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ باش قىسمىدا، تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى سەھنىسىدە ئويناۋاتقان ئالاھىدە رولى، ھەر خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نەتىجىلىك كۈرەشلىرى، سۈرىيە كۆچمەنلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان ئىنسانىي ياردەملىرى ئۈستىدە توختالدى. چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا تۈركىيە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئىچىدە پەلەستىن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملار، بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، تاغلىق قاراباغدىكى ئەزەرى تۈركلىرى ئۇچراۋاتقان يولسىزلىق ۋە ئاخىرىدا ياۋروپانىڭ تۈركىيە سىياسىتىدىكى ھەقسىزلىقلارنى ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر سائەتمۇ ئۆتمەستىن تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى ئاساسلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئورۇن ئالغان باياناتنىڭ 58 سېكۇنتلۇق قىسمىدىكى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى جۈملىلەر تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى تونۇلغان ئاخبارات تور بەتلىرىدە ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە تارقالدى. ھەتتا خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغانلىقى ماۋزۇ سۈپىتىدە بېرىلدى.

«خىتايغا كەلسەك» دېگەن ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلارنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە يەنە بىر قاتار مەلۇماتلاردا ئورۇن ئالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى-تەرز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتلار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلىمىز. ئەمما تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشى كېرەك دەپ قارايمىز.

تەكىتلەيمەنكى، ‹بىر خىتاي سىياسىتىنى› قوللايمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز خىتاي ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلاردىن دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، نۆۋەتتىكى يىغىن ھەققىدىكى خەۋەردە، يىغىن مەيدانىدىن ئورۇن ئالغان ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 47 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە پەقەت ئەنگلىيە ۋەكىلى چاۋۇشئوغلىنىڭ سۆزىنى ئاشكارا قوللىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئەزا-خىتاي بولسا، چاۋۇشئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا دەرھال ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆز تور بېتىدە بىر قىسىم ئاكتىپ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ، بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىش قىلمىشى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بىز بۇ باياننىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش مەقسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇنداق مۇھىم بىر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھەدە تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى تەكىتلەپ، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر جاسارەت بەرگۈچى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيەدىن كۈتۈۋاتقان بىر ئۈمىدىگە بېرىلگەن ئۆتكەنكى باياناتتىن كېيىنكى ئىككىنچى بىر تەسەللى ۋە شۇنداقلا مەسئۇلىيەت. بۇ، بىز دۇنيادىكى مەزلۇملارغا ئىگە چىقىمىز دېگەن بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورۇنلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى».

دولقۇن ئەيسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى، جەنۋەدىكى يىغىن جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دەسلەپكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۋەدىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىرلەشكەن تەشكىلاتىغا يازغان بىر خېتىدە، دالاي لاما ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق 15 نەپەر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسىنى يىغىنغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەلىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

بىز بۇ يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىنى تىلغا ئېلىشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە تۈرك ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، گېرمانىيە بايرويەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسور، دوكتور پائۇلا شرودېر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن بىر سۈكۈت قىلىش ۋاقتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلارغا بولغان يېقىنلىقى ۋە قوللىشىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى، كېچىككەن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈمىدىنى ھېچ يوقاتمىغان بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى سۈكۈت دەۋرىدىكى ئىقتىسادى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى كۆرمەسلىككە سېلىشتەك ئازابلىق بىر دەۋرگە خاتىمە بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەرقلىق قىزىقىشلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى شەك شۈبھىسىز مۇھىم. بۇ ئەردوغاننىڭ دىنىي، مىللىي ئالاھىدىلىكلەر ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان نۆۋەتتىكى ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مىللىي (باشلىقنى؟) ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈش، تۈرك خەلقىدە ئەزەلدىن بار ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئويغىتىشقا پايدىلىق».

دوكتور پائۇلا شرودېر خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «تاشقى سىياسەت جەھەتتە، ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا پەرقلىق ئىستراتېگىيەلەر يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھاممىسى دەپ قارايدىغان تۈركىيەنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى بىر مۇسۇلمان مىللەتنى قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىشى، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىجابىي تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈلۈۋاتقان بىر ئىش ئىدى. تۈركىيەنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قېرىندىشىغا خىتاينىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كۆز يۇمۇشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭ بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بۇ دۆلەتنىڭ قايسى دەرىجىدە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، سۈكۈت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئۇنىڭ خىتايغا بېقىندىلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولغان. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ئاخىرى تۈرك خەلقىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە سىگنال يەتكۈزىدىغان يەنە بىر قارتىنى ئويناشنى قارار قىلدى. بىز بۇ پىداكارلىق ھەرىكىتىنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولماقتىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.