تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسى چاۋۇشئوغلۇغا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىگە ئائىت تەلەپلىرىنى سۇندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.03.04
Mewlut-Chawushoghlu-iyi-partiyesi-lutfu-turkqan.jpg تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. 2019-يىلى 28-فېۋرال، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

25-فېۋرال كۈنى جەنۋەدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان سۆزى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بىر ھەيئىتى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 28-فېۋرال كۈنى «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى لۈتفۈ تۈركقان، «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىت ئۆزداغ، بۇ پارتىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن ئادنان ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان.

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا قولىمىزدىكى بەزى ماتېرىياللارنى بەردۇق ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى لاگېرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇرۇن 12 مۇسۇلمان دۆلىتى دىپلوماتلىرىنىڭ ‹جازا لاگېرلىرى› نى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن ئۆزلىرىنىڭ بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ «جازا لاگېرلىرى» نى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىڭدىن ‹ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشى ئۈچۈن خىتايدىن رۇخسەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ھەقتە رۇخسەت ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلانسا پايدىلانسۇن ‹جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى› تۈرك جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن زىيارەتنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ بىزنى قوللىسا جامائەت بېسىمى پەيدا قىلالايدىغانلىقىمىزنى دېدۇق. بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ رۇخسەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

«ئىيى» پارتىيەسى، يەنى «ياخشى» پارتىيە 2 يىلدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى ئوز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تەلەپلىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ‹ئىيى› پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ھەر دائىم ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز».

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دېڭ لى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى ئەيىبلىگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەھدىت تۈسى ئالغانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا. پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ توغرىلىق تەھدىتكە ئوخشاش باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىكى زۇلۇمنى ئوتتۇرىغا قويغانسېرى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىمىزنى كۆزدىن كۆچۈرىمىز دەپ تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى ھېچ قانداق تىجارەت مەنپەئەتى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈشىمىزگە سەۋەب بولالمايدۇ. بىز خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىنى 21-ئەسىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىنى چوڭ ئىلگىرىلەش دەپ قارايمىز. ئەمما بۇندىن كېيىنمۇ ھۆكۈمەتكە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى «جازا لاگېرلىرى» نى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەيئەت ئەۋەتسە ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولارمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھەيئەت ئەۋەتسە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ كۆز بويايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 80 ئەتراپىدا جازا لاگېرىنىڭ ئادرېسلىرىنى ئېنىقلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شۇ لاگېرلارنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋە خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى دېڭ لى قاتارلىقلار تۈركىيەدىمۇ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. راستىنىلا شۇنداقمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىدا مەسىلە بارلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ دەخلى-تەرىزگە ئۇچرىتىش سىياسىتىگە قارشى قاتتىق تەنقىدىي ئىنكاس قايتۇردى. 9-فېۋرال كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، 11-فېۋرال كۈنى بولسا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، 25-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتايدىن ئۇيغۇر رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.