ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى

شەنبە كۈنى ئافغانىستان دائىرىلىرى، ئىراننى تالىبانلارنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى، پەيشەنبە كۈنى فراە ئۆلكىسىدە، تالىبانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان قورال-ياراق قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ قوراللارنىڭ كۆپ قىسمى ئىراندا ياسالغان ئىكەن.

فراە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھىتتىن بالۇچنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قوراللار، يېقىندا ئىران ئارقىلىق فراە ئۆلكىسىگە كىرگەن. ئۇ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بۇ قوراللارنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىدىن خەۋەرسىز، ئافغانىستانغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ، ئىران ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خادىملىرى، بۇندىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئىران ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن ھازىرغىچە پرېزىدېنت كارزاي ھۆكۈمىتى، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى بۇزماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)