تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان يېڭى تۇرۇبا يولى ياساشنى پىلانلىماقتا
تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان دۆلەت باشلىقلىرى، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكەش ئۈچۈن، تۈركمەنىستاندىن ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان ۋە ھىندىستانغا سوزۇلىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىىسى ياساش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ۋە تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردى مۇھھەمەدوف ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى ئافغانسىتاننى پۇلسىز ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەشنى ۋەدە قىلغان.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي، تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقى بەردمۇھەممەدۇف بىلە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى ئافغانىستاندىن ئۆتىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش مەسىلىسى تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركمەنىستاندىن، ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان ۋە ھىندىستانغا سوزۇلىدىغان تەبىئي گاز تۇرۇبىسى ياساش پىكرى ئون يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. تۈركمەنىستان ھازىرغىچە تەبئىي گازىنى پەقەت رۇسىيە ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلماقتا.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي سۆھبەتلەر جەريانىدا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۈركمەنىستاننى ئافغانىستانغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈر يولى ياساش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەكلىپنى جىددىي كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركمەنىستان ئامېرىكا بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا
- نازاربايېف، كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبىسىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 12 مىليون دوللار بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا مۇنبىرى يىغىنىدا "ھەمكارلىشىپ ئىناق ئاسىيا قۇرۇش' نى تەشۋىق قىلغان
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- ئالما-ئاتادا، ئۇيغۇر مۇزىكىلىك - شېئىر كېچىلىكى
- نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش ئىدىيىسى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟