تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان يېڭى تۇرۇبا يولى ياساشنى پىلانلىماقتا

تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان دۆلەت باشلىقلىرى، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكەش ئۈچۈن، تۈركمەنىستاندىن ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان ۋە ھىندىستانغا سوزۇلىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىىسى ياساش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ۋە تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردى مۇھھەمەدوف ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى ئافغانسىتاننى پۇلسىز ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەشنى ۋەدە قىلغان.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي، تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقى بەردمۇھەممەدۇف بىلە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى ئافغانىستاندىن ئۆتىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش مەسىلىسى تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنىستاندىن، ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان ۋە ھىندىستانغا سوزۇلىدىغان تەبىئي گاز تۇرۇبىسى ياساش پىكرى ئون يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. تۈركمەنىستان ھازىرغىچە تەبئىي گازىنى پەقەت رۇسىيە ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلماقتا.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي سۆھبەتلەر جەريانىدا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۈركمەنىستاننى ئافغانىستانغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈر يولى ياساش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەكلىپنى جىددىي كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)