كابۇلدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
2004.08.29
ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خارەكتىرلىك پارتىلتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئاز دىگەندە 10 ئادەم ئۆلدى .
پارتىلاش ۋەقەسى ، ماشىنىغا قاچىلانغان بىر بومبىنىڭ كابۇل شەھەر مەركىزىدىكى ئامېرىكا بىخەتەرلىك شىركىتى - دېين كوپېراتىپىنىڭ خىزمەت بىناسى ئەتراپىدا پارتىلىشىدىن كېلىپ چىققان .
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، پارتىلاشتا 10 دىن 15 كىچە ئادەم ئۆلگەن ، ئۆلگەنلارنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەرمۇ بار بولۇپ ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ بايانچىسى سكوت نېلسون ، دېين كوپىراتىپى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ھۆددىگەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . دېين كوپىراتىپى ئافغانىستان پرىزدېنتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى ، ئامانلىق كۈچلىرىنى ۋە ئافغان ساقچىلارنى تەربىيەلەشكە مەسۇل شىركەت . تالىبان قوراللىق كۈچلىرى شۇ كۈنى قاتاردىكى ئەل - جەزىرە تېلېۋىزىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، پارتىلاش ۋەقەسىگە مەسۇل بولىدىغانلىقىنى جاكالىغان . تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى موللا ھاكىم ۋەقەدىن كېيىن پىشاۋۇردىكى ئافغانىستان ئىسلام ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تېلېفون قىلىپ ، ۋەنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خارەكتىرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . بۇ يىل 10 - ئايدا ئافغانىستان پرىزدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ . سايلامدىن بۇرۇن بۇ خىلدىكى تېرورلىق ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا .(ئەركىن)