سايلام ھارپىسىدىكى كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى


2004.10.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمى شەنبە ئېلىپ بېرىلىدۇ، پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن باسقۇچقا كىرگەن. ئامما بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنىلا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە. پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ئافغانىستاننىڭ ئىككى چوڭ شەھىرى راكىتانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بىراق راكىتا ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىك شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا تەسىر يەتكۈزۈش دەرىجىسىدە ئەمەس دەپ قارالماقتا. تۇنجى قېتىمقى ھۇجۇم پەيشەنبە كۈنى كەچىسى كابۇلدا يۈز بەرگەن. ئىككى تال راكىتا ئوقى كابۇلنىڭ شەرقىدىكى بىر جايغا چۈشۈپ پارتلىغان. 3 - تال ئوق كابۇلدىكى بىر ئاخبارات مەركىزىنى نىشانغا ئالغان. ئاخبارات مەركىزىنىڭ سىرتىغا توختىتىپ قويۇلغان بەزى ماشىنىلار ۋەيران بولغان.

بۇ ئارىدا جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى جالالاباد شەھىرىگە چۈشكەن بىر قانچە تال راكىتا ئوقىدا ئىككى بالا يارىلاندى. سابىق تالىبان قالدۇق كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى پرېزىدېنت سايلىمىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، چەتئەل كۈچلىرىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقارغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە سايلام پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 12 كىشى تالىبانپەرەس كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈگەن. بىراق ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي دارىلىرى، تالىبانپەرەس كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى پەسىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار، بۇ ئەھۋال ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى تازىلاش ھەركىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولىۋاتقانلىغىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان. ھازىر ئامېرىكىنىڭ 18 مىڭ ئەسكىرى بىلەن ناتونىڭ 4 - 5 مىڭ ئەسكىرى ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.