بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافغانىستاندىكى سايلام يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرمەكتە


2004.10.11

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس سايلام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ، ئافغانىستان پرېزدېنت سايلىمىدا يۈز بەرگەن يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بۇ سايلام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسىنىڭ بىرى كانادانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى يەنى بىرى شىۋىتسىيىنىڭ سايلام ئىشلىرى مۈتەخەسسىسى ئىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تىلۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۈر تەكشۈرۈش كومىتىتى، سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن قائىدە - تۈزۈملەرگە زىت كەلگەن ھەركەتلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

سايلامغا قاتناشقان بىر قىسىم نامزاتلار، سەيشەنبە كۈنى كەچتىن بۇرۇن 8 رايوندىكى سايلام مەركەزلىرىدە بېلەتلەرنى قايتىدىن ساناش ھەققىدە يازما شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق، نۆۋەتتە سايلامدا كۆرۈلگەن نۇقسانلارنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سايلام كومىتىتى سايلامدا تاشلانغان بېلەتنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئافغانىستاندا 10 - ئاينىڭ 9 -كۈنى تارىختا تۇنجى قېتىم دىموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلدى، گەرچە سايلام تېنچلىق بىلەن ئاياقلاشقان بولسىمۇ، 18 نامزات ئىچىدە 15 نامزات سايلامدا خاتالىق يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، سايلامنى قايتا تەشكىللەشنى تەلەپ قىلماقتا.

پەرەزلەرگە قارىغاندا سايلام نەتىجىسى بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن مەلۇم بولىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.