دەسلەپكى بىشارەتلەرگە قارىغاندا ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ غالىپى كارزاي
2004.10.24
ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا سايلام بىلىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىگە ھازىرقى پرېزىدېنت ھامىت كارزاي ئېرىشكەن. ھازىرغا قەدەر سايلام بېلىتىنىڭ 95 ٪ ئى ساناپ بولۇندى. كارزاي ئومۇمى بىلەتنىڭ٪ 55 گە ئېرىشكەن، نامزاتلار ئىچىدىكى كارزاينىڭ ئەڭ كۈچلىك رىقابەتچىسى دەپ قارالغان يۇنۇس قانۇنى ئومۇمى بىلەتنىڭ ٪ 39 گە ئېرىشىپ، كارزايدىن كېيىنكى 2 - ئورۇننى ئىگىلىگەن. بىراق مەركىزى سايلام كومېتىتى سايلام بىلىتىنى تولۇق ساناپ بولمىغىچە سايلام نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا ھامىت كارزاينىڭ غەلىبە قىلىغانلىقى مۇقىملاشقان. بىراق سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا يەنە بىر قاچە ھەپتە كېتىشى مۈمكىن.
سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سايلام جەريانىدا قايئىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى نارازىلىقلار بويىچە ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھامىت كارزاي ئىشخانىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارزاي سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ھازىرچە ئېلان قىلمايدۇ. بىراق يۇنۇس قانۇنىنىڭ باياناتچىسى، گەرچە سايلامدا قايدىگە خىلاپ ئەھۋاللار يۈز بەرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ بىراق، قانۇنى سايلامدا كارزاينىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. بىراق سايلامنىڭ رەسمى نەتىجىسى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ش ئا ئو ئە ت ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىدۇ
- ئافغانىستاندىكى گېنرال ئابدىرشىت دوستۇمنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت
- ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر ھەققىدە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافغانىستاندىكى سايلام يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرمەكتە
- ئافغانىستاندىكى سايلام تىنچلىق بىلەن ئاخىرلاشتى
- ئافغانىستان سايلىمى ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى
- سايلام ھارپىسىدىكى كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- ئافغانىستاندىكى سايلام ئەھۋالىدىن يېڭىلىقلار
- ئافغانىستانغا سايلام تەييارلىقلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا
- كابۇلدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى