ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئافغانىستاندا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2005.02.22
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇپ، بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مەكېيىن سەيشەنبە كۈنى كابۇلدا ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، " ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن يىللار داۋاملىشىشى كېرەك" دېگەن.
ئۇ يەنە، "بۇ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئىقتىسادىي، تېخنىكا جەھەتتىكى ياردەم ۋە مېنىڭچە مەڭگۈلۈك بىرلەشمە ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۆرسىتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئاساسلىقى ئىران، پاكىستان ۋە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنى كۆزدە تۇتىدىكەن.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قورال مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قول باشلىقى جون مەكېيىن باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلىگەن. بىراق، ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇش ئىھتىماللىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق 17 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئەل- قايدە ۋە سابىق تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. (ئارزۇ)