ئافغانىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بەردى

چارشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندەھار شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 دىن ئوشۇق كىشى قازا قىلدى ۋە 40 نەچچە كىشى يارىلاندى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە مەسچىتتە، يەكشەنبە كۈنى تالىبانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئىمامنىڭ نەزىرىنى چۈشۈرۈۋاتقان 200 دىن ئوشۇق كىشى بار بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن مەسچىتنىڭ ئىچى قانغا بويۇلۇپ كەتكەن.

قازا قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، كابۇل شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ بار ئىكەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئوساما بىن لادىننىڭ ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەندەھەر ئىلگىرى تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ، 2001 - يىلى ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. (پەرىدە)