ئافغانىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت

0:00 / 0:00

18 – سېنتەبىر كۈنى ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. پارلامېنت سايلىمىنىڭ كاندىداتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى جۈمە كۈنى توختايدۇ.

ئافغانىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 مىليون كىشى سايلامغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، 84 مىڭ خەلقئارا ۋە يەرلىك نازارەتچى بۇ قېتىملىق سايلامنى نازارەت قىلدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ ئافغانىستاندىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.