0:00 / 0:00
ئافغانىستاندا 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى 18 -سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ، كۆپ قىسىم بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى تاقالدى.
گەرچە سايلام مەزگىلىدە بىر قىسىم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ سايلامغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان ئافغان خەلقىنىڭ سانى12 مىليوندىن ئاشقان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىن بەرگەن تەپسىلى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.