ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە


2005.06.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - ئىيۇن كۈنى ئافغانىستاننىڭ قەندەھار شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان قوماندانلىرىدىن موللا رەھىم، تالىبان قىسىملىرىنىڭ 6 - ئاينىڭ 16 – كۈنى قەندەھار ۋىلايىتىنىڭ مايىن نىشىن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 11 ھۆكۈمەت ئەسكىرى، بىر ساقچى ۋە ناھىيە باشلىقىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

موللا رەھىم سۇنئى ھەمرا تىلىفونى ئارقىلىق رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەسىر ئىلىنغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى مەلۇم بىر جايغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا قەندەھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئوفىتسېرى، مەزكۇر ئون ئۈچ كىشى بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى تەسدىقلىدى. مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا ۋە ئافغان ھەربىي قىسىملىرى تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا كەڭ كۆلەملىك بىر تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

يەنە، جۈمە كۈنى قەندەھار ۋىلايىتىگە قوشنا بولغان، ھىلمەن ۋىلايىتىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر ئۆلگەن ۋە ئۈچ ساقچى يارىلانغان. شۇنداقلا 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قەندەھار شەھىرىنىڭ سىرتىدا يەنە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، تۆت ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر رايوندا 1- ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى رەھىم ۋەردەك پەيشەنبە كۈنى كابۇلدا بەرگەن باياناتىدا، ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، ئافغانىستاندا بۇ يىل 9- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا، قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستاندىمۇ ئىراقتىكىگە ئوخشاش ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەرەپ جەڭچىلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنسىتىرى رەھىم ۋەردەك، رايوندىكى بەزى دۆلەتلەر ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، دېدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋەردەك رايوندىكى قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە ئافغان ھەربىي قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، تالىبانلارنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان موللا ئەختەر ئوسمانى، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن ۋە تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موللا ئەختەر پاكىستاندىكى بىر شەخسى تېلېۋىزورغا بەرگەن باياناتىدا، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئوسما بىن لادىن ۋە تالىبانلار رەھبىرى موللا ئۆمەر ھايات، ھەر ئىككىسى ساق- سالامەت تۇرىۋاتىدۇ. موللا ئۆمەر ھېلىمۇ بىزنىڭ باش قوماندانىمىز، دېگەن.

موللا ئەختەرنىڭ ئېيتىشىچە، تالبان قوماندانلىرى داۋاملىق يىغىن ئىچىپ تۇرىدىكەن. لېكىن موللا ئۆمەر بۇ يىغىنلارغا قاتناشمايدىكەن. مۇھىم قارارلار ئېلىنىدىغان ۋاقىتتا، موللا ئۆمەر بىلەن ئالاقە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.